ئابىدە قەھۋاخانىغا كىرىپ كۈتكۈچى سۈزۈك ئاي دىن سوراپتۇ :
_ مۇزلىتىلغان قەھۋە بارمۇ ؟
كەچۈرۈڭ ، يوق خانىم .
ئابىدە ئەتىسىمۇ يەنە كىلىپ سوراپتۇ . مۇلازىمەتچى سۈزۈك ئاي يوقلىقىنى ئىيتىپتۇ .
ئابىدە كەتكەندىن كىيىن مۇلازىمەتچى سۈزۈك ئاي مۇزلىتىلغان قەھۋە تەييارلاپ قويۇپتۇ . دىگەندەك ، ئابىدە 3 - كۈنى يەنە كەپتۇ ۋە مۇزلىتىلغان قەھۋە بارمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ .
سۈزۈك ئاي كۈلۈپ تۇرۇپ :
_ بار خانىم ، _ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ .
ئەمىسە ماڭا بىر ئىستاكان ئىسسىق قەھۋە بىرىڭ ، _ دىگۈدەك ئابىدە .
نىمىشقا شۇ چاغدىلا تۇتۇۋالمىغان ؟
ساقچى مەكتەپنىڭ تىمىغا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى چاپلاۋاتقانىكەن . كۈلكە ساقچىدىن :
_ ئۇلار قىچىپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرمۇ ؟ _ دەپ سوراپتۇ .
شۇنداق ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىغىر جىنايەت ئۆتكەزگەن ، ئۇلارنى پەقەت تۇتالمايۋاتىمىز . _ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ساقچى .
كۈلكە : _ ئۇلارنى سۈرەتكە تارقان ۋاقىتتىلا تۇتۇۋالمىغانكىن سىلەرگىمۇ ئاز . . . . قوش پايدا
فىرەس : توي قىلغانلىقىمىزنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنى زىبۇ _ زىننەت ئىلىپ بىرەيمۇ ياكى تۈركىيدە ساياھەت قىلدۇرۇپ كىلەيمۇ ؟
قوزام : تۈركىيەگىلا باراي ، ئۇيەردە زىبۇ _ زىننەت ھەم ئەرزان ، ھەم سەرخىل . . .
تاقابىل تۇرۇش
كەچۈر ، ناز پەرى دىن سوراپتۇ :
كۆرۈنمەيسىز نىمە ئىش بىلەن ئالدىراش ؟
ناز پەرى : ئىرىمنىڭ ئەتكەن تامىقىمدىن قۇسۇر تىپىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۇرۇستا ئوقۇۋاتىمەن .
كەچۈر : ئاشپەزلىك كۇرسىدىمۇ ؟
ناز پەرى : ياق چامباشچىلىق كۇرسىدا