يىگىت_قىزلار توي قىلىغاندىن كېىيىن يېڭى ئائىلە قۇرىدۇ. ئائىلىنى قۇرۇپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئائىلىنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھارماي _تالماي تىرىشىشىقا توغرا كېلىدۇ. توي قىلىغاندىن كېىيىن ئەر_خوتۇنلارنىڭ يېڭى تۇرمۇش داۋامىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللارنى ئېچىشىغا، باياشاتلىق چوققىسىغا قاراپ قەدەممۇ قەدەم ئۆرلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇلار چەكسىز خۇشاللىق ھېسىياتى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈپ كېلىۋاتقان كىچككىنە يۈرەك پارىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالغاندىن كېىيىن، ئائىلە قۇرۇش باسقۇچىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى تۈگەتكەن بولىدۇ. بۇنڭىدىن كېينىكى ئىككىنىچى باسقۇچ يەنە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىڭراۋاتقان بوۋاقنى بېقىش، ئۇنڭىغا يار_يۆلەكتە بولۇش، تەربىيلەپ چوڭ قىلىش ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر. چۈنكى، بالىلار چوڭ بولغاندا ھەرۋاقىت ئاتا_ئانسىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دۇنيادىكى ئەر ھەممە ئەر_خوتۇنلارنىڭ نىكاھنى قۇرۇش يولىدا ئوخشاشلىقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممسىلا تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەلەكچلىكىدە ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى_ئەمگەك، ئىشلەپچقىرىش، پەرىشانلىق ۋە قۇربان بېرىشىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەر_خوتۇنلارنىڭ نىكاھلىق ئائىلىنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلىدۇرۇشى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل دەۋرلىرىنى ئۆتكۈزۈشىدىكى تىرىشچانلىقىدۇر. ئەمما، بۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسدىكى ھاياتلىق بۇرچىنىڭ تامامىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى داۋاملىشىدۇ، ئەۋلادتىن_ئەۋلادقا قالىدۇ.
مەنبە.ئاياللار سىردىشىى