«خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شياۋمى بۇ يىل 1-ئايدا شياۋمى Note ۋە شياۋمى Note Pro نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شياۋمى Note Pro نىڭ قاچان بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمىغان ئىدى. بۈگۈن شياۋمى شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېي جۈننىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرى سەپلىمىلىك شياۋمى Note Pro كېلەر ئاينىڭ 6-كۈنى زاكاز سېتىلىشقا باشلايدىكەن. لېكىن لېي جۈن بۇ يان تېلېفوننىڭ مال تارقىتىش ۋاقتىنى ئېنىق ئېيتمىغان.
شياۋمى Note Pro غا 5.7 دىيۇملۇق 2K ئېكران (1440*2560 پىكسېل) ئىشلىتىلگەن بولۇپ، Snapdragon810 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى، 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 64GB ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. سېتىلىش باھاسى 3299 يۈەن ئىكەن.