يېقىندا تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار كۆكتات، مېۋە-چېۋە ۋە قارا ئاشلىقنى كۆپ يەپ بەرسە،سۆڭەك سۇنۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كانادادىكى تەتقىقاتچىلار 3500 ئوتتۇرا ياش ئاياللار بىلەن 1600 ئوتتۇرا ياش ئەرنى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، قارا ئاشلىق ھەم پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قانچىلىك ئىستېمال قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىستاتىستىكا قىلغان. كۆكتات بىلەن مېۋە-چېۋىنى كۆپ يېگەن 70 ئەر بىلەن 372 ئايالدا سۆڭەك سۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، لېكىن قارا ئاشلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلارنىڭ سۆڭەك سۇنۇش خەۋپى %14 تۆۋەنلىگەن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/25/content_483328.htm