تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
باھالاش

 مەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار 

   مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ ئىشخانىسى دەرس باھالاشقا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن لىق تولدى. قاتناشقۇچىلار جىمجىت ھالدا باھالاشنىڭ باشلىنىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى.

   يولداشلار، دەپ گەپ باشلىدى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى گېلىنى قىرىۋېتىپ، بۈگۈن بىز بۇ يىللىق ئۇنۋان باھالاشقا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش ماھارىتىنى باھالاش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇنۋان ئېلىشقا ئالدىراۋاتقانلار كۆپ، سان چەكلىك، شۇڭا بىز ھەقىقىي يوسۇندا ئۇنۋان ئېلىشقا لايىق كېلىدىغانلارنى كۆپ تەرەپلىمە باھالاپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، ئېلىشقا تېگىشلىكلەر چوقۇم ئالىدىغان، ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغانلار ئالالمايدىغان باھالاش مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق. بۇنى مەن كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بىلىسىلەر. شۇڭا بۈگۈنكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشىڭلارنى، يۇرتۋازلىق، گۇرۇھۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. قالغان كونكرېت تەرتىپ ۋە تەلەپلەرنى ئىلمىي مۇدىر ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇ بويىچە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

   باھالاش باشلاندى. بىرىنچى قېتىم دەرسى باھالىنىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى مەكتەپنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بىلىم قۇرۇلمىسى، ئەخلاق – پەزىلىتى، دەرسخانا ئوقۇتۇش مېتودى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەممە قول قويىدىغان يىگىت ئىدى، ئۇنىڭ دەرس پىلانى تالاش – تارتىشسىزلا باھالاشتىن ئۆتتى. ئارقىدىن، جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسىنى باھالاش باشلاندى. بۇ دەرس كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، دەرسنىڭ سائەتلىك پىلانى، دەرسلىك دېتالى ياخشى تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دەرس ئۆتۈش جەريانىدا چاتاق چىققانىدى.

   بۇ سائەتلىك دەرسنىڭ سائەتلىك پىلانىنىڭ قۇرۇلمىسى، دەرسلىك دېتالىنىڭ تەييارلىنىشى ۋە باشقا تەرەپلەردە چاتاق يوق ئىكەن، لېكىن ئەمەلىي دەرس ئۆتۈش جەريانى ھەممەيلەنگە ئايان، دېدى تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سۆز قىلىپ، دەرسنىڭ تازا مۇھىم يېرىگە كەلگەندە ئېكراندا كۆرسىتىلىۋاتقان مەزمۇن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، بەش مىنۇتقىچە ئېكراندا ھېچنېمە كۆرۈنمىگەندىن كېيىن، روزېتكا تاختىسىنى سىرتتىن ئەكىرىپ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. بۇ ئارىلىقتا دەرسخانا كەيپىياتى سۇسلىشىپ كەتتى. مېنىڭچە بۇ بەش مىنۇت سەل قارىغىلى بولىدىغان بەش مىنۇت ئەمەس، ئىشقىلىپ ھەممىڭلار ئەستايىدىل ئويلاپ بېقىڭلار...

   بۇنداق ئەھۋال مەن دەرس ئۆتۈۋاتقاندىمۇ كۆرۈلدى، دېدى خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى گەپ قىستۇرۇپ، مەن دەرس ئۆتكەن سىنىپتىكى كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسى كونىراپ كەتكەنمۇ قانداق، دەرس يېرىملاشقاندا كومپيۇتېر قايتىدىن قوزغىلىپ كېتىپ، دەرسىمگىمۇ تەسىر يەتكۈزدى، مۇشۇنداق ئىشلاردىكى سەۋەنلىكلەرنى ئوقۇتقۇچىغا قويامدۇق ياكى ئالاھىدە ئەھۋال قاتارىدا نەزەردىن ساقىت قىلىمىزمۇ؟

  بىزنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىمىز دەرس ئۆتىدىغان ۋاقىتتا توك توختاپ كەتكەچكە، دەرستىن ئاۋۋالقى بەدەن قىزىتىش گىمناستىكىسىنىڭ مۇزىكىسى قويۇلماي، دەرسنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆتۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزدى، بۇ مەسىلىنى كىمدىن كۆرىمىز؟ دېدى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى زەردە بىلەن.

   ئۇ ئۇنى، بۇ بۇنى دەپ، ئىشخانىنىڭ ئىچى يىپ بازىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئىلمىي مۇدىرنىڭ شىرەنى ئۇرۇپ ئىنتىزامغا تەشكىللىشى بىلەن جىمجىتلىق ئەسلىگە كەلدى.

   سىز دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن دەرسخانىدىكى روزېتكا تاختىسىنى تەكشۈرگەنمۇ – يوق؟ سورىدى ئىلمىي مۇدىر جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسىدىن.

   تەكشۈرگەن، قارىسام بىر قېتىم بۇزۇلۇپ رېمونت قىلىنغان، سىملىرىمۇ ئۈزۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان كونا روزېتكىكەن، يېڭىسىغا ئالماشتۇراي دەپ ئامبارچىغا دېسەم، ‹‹مالىيە مۇدىرىنىڭ ئىمزاسى بولمىسا يېڭىسىنى بېرەلمەيمەن›› دەپ ئۇنۇمىدى، مەن دەرس ئۆتكەن كۈنى مالىيە مۇدىرى سىرتقا چىقىپ كەتكەچكە، ئامال بولماي بارىنى ئىشلىتىپ تۇرغانتىم، بۇنداق چاتاق چىقىشىنى نەدىن بىلەي؟

   ئۇنداق بولسا بۇ بىر ئالاھىدە ئەھۋال ئىكەن، بۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرايلى، قانداق دەيسىلەر؟ دېدى ئىلمىي مۇدىر كۆپچىلىككە قاراپ.

   ئۇنداق بولسا مېنىڭكىنىمۇ شۇنداق قىلايلى، ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىنىشكە كەتكەچكە مەنمۇ ئەبجەق كومپيۇتېردا دەرس ئۆتتۈم، بولمىسا مېنىڭ دەرسىممۇ ياخشى ئۆتۈلگەن بولاتتى، دېدى خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى دەرھاللا.

مەكتەپنىڭ توكى زادى قاچان راۋانلىشىدۇ؟ داۋاملىق مۇھىم بىر ئىش چىققاندىلا يوقاپ كېتىدۇ بۇ توك! شۇ كۈنى توك راۋان بولغان بولسا تەنتەربىيە دەرسىمۇ ياخشى ئۆتۈلەتتى، بۇ مەسئۇلىيەتنى كىمگە ئارتىمىز؟ دېدى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قىزىرىپ.

   شۇ زادى، بەش – ئون ۋاراق قەغەزنىمۇ نەچچە ئادەمگە يالۋۇرۇپ ئالىدىغان ئىش قاچانمۇ تۈگەر بۇ مەكتەپتە؟ دېدى خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى.

   دوسكىغا خەت يازىدىغان بورنىمۇ مىڭ تەستە ئىمزا قويۇپ ئالىمىز، يا ئۆيگە ئەپكېتىپ يېگىلى بولمىسا ئۇنى، دېدى كىمدۇر بىرى.

   غودۇراش يەنە باشلىنىپ، بارا – بارا ھەممىنىڭ نەزەرى مۇئاۋىن مۇدىرغا مەركەزلەشتى. نەق شۇ چاغدا مۇدىرنىڭ تېلېفونى سايراپ، ئىشخانا جىملىققا چۆمدى. مۇدىر تېلېفوندا ‹‹ھە، ھە، ماقۇل. مەن ھازىرلا باراي›› دەپ گەپنى ئۈزدى ۋە كۆپچىلىككە:

   يولداشلار، ماڭا ھازىر مائارىپ ئىدارىسىدە جىددىي يىغىن بار ئىكەن، شۇڭا باھالاشنى بۈگۈنچە توختىتىپ تۇرساق، بايىدىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى بىز يەنە مۇزاكىرە قىلىپ بىرنەرسە دەيلى، شۇنداق بولسۇن، دېدى ۋە ئىشىككە قاراپ ماڭدى. شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى ئۈنلۈك ئاۋازدا:

   بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدە روزېتكىنى ئالماشتۇرۇپ بەرمىگەنلەردىن قانچە نومۇر، توكنى قاچۇرۇۋەتكەنلەردىن قانچە پۇل تۇتۇشنىمۇ چىڭراق مۇزاكىرە قىلىپ قويسا بولغۇدەك، دېدى. مۇدىر بۇ گەپنى ئاڭلىدىمۇ – ئاڭلىمىدىمۇ ئىشقىلىپ كارىدوردا تېزلا غايىب بولدى.

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز