ئەلكۈيى تورى نورۇز 27-كۈنى خەۋىرى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچان پاتنىت ئىلتىماسى ئامېرىكا پاتنىت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان . مەزكۇر پاتىنت بولسا بىر تۈرلۈك ئىكران ئاكتىپلانمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۆپ نوختا چەكمە مەشغۇلاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تېخنىكا لايىھەسى ئىكەن .
خەۋەردە مۇنداق دىيىلدى : كۆرسىتىش ئىكرانى كۆچمە مەھسۇلاتلارنىڭ توك خورىتىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈسكۈنە ، ئەگەر ئابۇنىت ئىكراننى قوزغاتماي تۇرۇپلا مەلۇم مەشغۇلاتلارنى تاماملىيالىسا ، ئۇنداقتا توكنىڭ خۇرىشى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ . پاتىنىتتا يەنە ، ئىكرانغا قارىماي تۇرۇپمۇ تاماملىغىلى بۇلىدىغان مەشغۇلاتلارغا قارىتا ئىكران چۇقۇم ئىتىلمىسىمۇ بۇلىدۇ . نۆۋەتتىكى ئىكران ئاكتىپلانغان ھالەتتە ، ئابۇنىت مەلۇم ئالاھىدە ھەركەت ئارقىلىق ، مەسلەن چەمبىرەك سىزىش ئارقىلىق ئاۋازنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىنى ياكى نۆۋەتتىكى ناخشىنى كونتىرول قىلالايدۇ . بۇ خىل ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى كونتىرول ئىقتىدارى قوشۇشقا توغرا كىلىدۇ، بىراق بۇنداق بولغاندا سىرىتقى لايىھەسىنى تېخىمۇ ئاددى قىلىپ لايىھەلىگىلى بۇلىدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا سىرىتقى قىسىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونتىرول كۇنۇپكىسى ئارتۇقچە بۇلۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئابۇنىت ئۈسكۈنىنى يانچۇقىغا سېلىۋالغاندا ياكى تاقاپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا ، ئىشلىتىش تېخىمۇ قۇلايلىق بۇلىدۇ .
پاتنىتتا يەنە ، ئىكران ئاكتىپلانمىغان ھالەتتە ، ئابۇنىت قول ھەركىتى ئارقىلىق تەقلىدى كۇنۇپكا مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ . ئىكراننى چەككەنلىك ناخشىنى توختىتىش ياكى قويۇشنى ، قوش چەككەنلىك ناخشا ئالماشتۇرۇشنى ، ئۇزاق بېسىپ تۇرۇش siriئىقتىدارىنى قوزغىتىشنى ئىپادىلىشى مۇمكىن .
چەكمە مەشغۇلات تېخنكىسىنى تۇنۇتۇش جەھەتتە ، پاتىنىتتا بىر ئالاھىدە شەكىل قوشۇش تەكلىپى بىرىلدى ، يەنى ئۈسكۈنىنى قارا ئىكران ھالتىدە قويۇپ ، بىرلا ۋاقىتتا چەكمە كىرگۈزۈش سىگنالىنى قۇبۇل قىلىش . بۇنىڭدا بەلكىم بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بۇخىل شەكىلنى ئاكتىپلاش ئارقىلىق ئۈسكۈنىنى پۈتۈنلەي قۇلۇپلاش ياكى ئاكتىپلاش مۇمكىن .
بۇ پاتنىت تولىمۇ قىزىقارلىق بۇلۇپ ، ئالما كىلەركى ئەۋلاد ipod nano مەھسۇلاتىدا بۇ پاتنىت لايىھە ئۇقۇمىنى قوللىنىش ئارقىلىق سىرىتقى قىسمىدىكى كۇنۇپكىلارنى ئازايتماقچى . ئالمىنىڭ بۇنداق قىلىشى بەلكىم خاتا مەشغۇلاتنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكراننى ئاكتىپلىماي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق باتارىيەنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشتىكى مۇھىم ئامىل بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .