تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بىركۈن تۇرۇپ قالغان چاينى تاشلىۋەتمەڭ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئۈنۈملىرى بار

بىركۈن تۇرۇپ قالغان چاينى بىۋاسىتە تۆكىۋىتىسىزغۇ دەيمەن؟ لېكىن بىلەمسىز، بىر كۈن تۇرۇپ قالغان چاينىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ، قېنى كۆرۈپ بېقىڭ.

1) ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار

چاي ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسا قىزغۇچ جىگەررەڭگە ئۆزگىرىدۇ، چۈنكى چايدىكى پولىفېنول ئوكسىدلىنىپ چاي پىگمېنتىغا ئايلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، چايدىكى پولىفېنول بىلەن چاي پىگمېنتىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئىكەن.

2) قان توختىتىش ئۈنۈمى بار

بىركۈن تۇرۇپ قالغان چايدا مول ئوكسېگىن ئېلېمىنتى بار، قىل تومۇرلاردىن قان چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسىلەن ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، غەلۋىرەك، ھۆل تەمرەتكە، چىش مىلىكىدىن قان چىقىش، يارا ئېغىزىدىن يىرىڭ ئېقىش، تېرىدىن قان چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر كۈن تۇرۇپ قالغان چاي بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ.

3) كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ

بىر كۈن تۇرۇپ قالغان چايدىكى پولىفېنولنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇپ، ياللۇغنى قايتۇرۇش رولى بار، ئەگەر كۆز قارچۇقىڭىزدا قىزىل سىزىق پەيدا بولسا، ھەركۈنى بىر كۈن تۇرۇپ قالغان چايدا بىرنەچچە قېتىم يۇيۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

4) قىچىشىشنى توختىتىدۇ

بىركۈن تۇرۇپ قالغان ئىلىمان سۇدا بېشىڭىزنى يۇيسىڭىز ياكى بەدىنىڭىزنى سۈرتسىڭىز، چايدىكى فتور ماددىسى قىچىشىشنى تېزلىكتە توختىتىپ، ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5) چاچ ئۆستۈرىدۇ

بىر كۈن تۇرۇپ قالغان چايدا باش يۇيسىڭىز، چاچ ئۆستۈرۈش ۋە كېپەك يوقىتىش ئۈنۈمى بار.ئەگەر قېشىڭىز شالاڭ بولسا، چوتكىنى بىركۈن تۇرۇپ قالغان چايغا تەككۈزۈپ، قاشقا سۈركىسىڭىز، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قېشىڭىز قويۇق ھەم پارقىراقلىشىدۇ.

6) چىشنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئاقارتىدۇ

چايدىكى فتور بىلەن چىشنىڭ ئېمال ماددىسى كالتسىيلاشقاندىن كېيىن، كىسلاتالىق ماددىلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، چىش قۇرۇتلاش كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، فتور يەنە چىشتىكى داغلارنى يوقىتىدۇ،ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپ بولغاندىن كېيينكى ئىككى-ئۈچ مىنۇتتا چاي بىلەن چىشىڭىزنى يۇيۇپ بېرىڭ.

7) ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ

چايدا چەككىلەنگەن ماي تەركىبى بار، خۇشپۇراق، سەھەردە چىش چوتكىلاشنىڭ ئالدى-كەينىدە ياكى تاماقتىن كېيىن، بىركۈن تۇرۇپ قالغان چاي بىلەن ئېغىز چايقىسىڭىز، ئاغزىڭىز خۇشپۇراق تۇرىدۇ، داۋاملىق يۇيۇپ بەرسىڭىز ئېغىز پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

8) ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلانسا، لۆڭگىنى بىركۈن تۇرۇپ قالغان چايغا تەككۈزۈپ ئاستا سۈرتسىڭىز بولىدۇ.چۈنكى تاننىك كىسلاتاسىنىڭ تېرىنى چىڭايتىش رولى بار، چايدىكى فلاۋون بىرىكمىسىنىڭمۇ رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرۇش رولى بار.

9) بېلىق پۇرىقى، ماينى يوقىتىش

بىر كۈن تۇرۇپ قالغان چاينىڭ بېلىق پۇرىقىنى ۋە ماينى يوقىتىش رولى بار.راك-قىسقۇچپاقا يەپ بولغاندىن كېيىن بىر كۈن تۇرۇپ قالغان چايدا قولىڭىزنى يۇيسىڭىز بېلىق پۇرىقىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

10) تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ

ئەتىگەندە ئورنىڭىزنى تۇرغاندىن كېيىن تۈنۈگۈن دەملىگەن بىركۈن تۇرۇپ قالغان چاينى ئىچسىڭىز تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش، ماينى ئازايتىش رولى بار.

11) پۇت پۇراشنى داۋالايدۇ




ئەسلى مەنبەسى: anyv.net
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز