تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇزنىڭ ئەسلى بۇنداق كۆپ رولى باركەن، كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز!

بىلەمسىزكىن، تۇزنى تۇرمۇشىمىزدا بەك كۆپ يەرلەردە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تۇزنىڭ زادى قانداق روللىرى بار؟ قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

1. گۈل باققاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسىڭىز گۈل تېخىمۇ باراقسان ئۆسىدۇ.

2. مايغا ئازراق تۇز سېلىۋەتسىڭىز ماينىڭ چاچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ماينى خۇشپۇراق قىلىدۇ.

3. مېۋە-چېۋىلەرنى يۇيغاندا ئازراق تۇز سېلىپ ئۇۋىلىسىڭىز ئۈستىدىكى قالدۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى چىقىپ كېتىدۇ.

4. بېلىق ئىدىشىغا ئازراق يود قوشۇلمىغان تۇز سېلىۋەتسىڭىز بېلىق تېخىمۇ ئۇزاق ياشايدۇ.

5. چۆپ پىشۇرغاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسىڭىز تېخىمۇ چىڭ پىشىدۇ.

6. تۈگۈر پىشۇرغاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسىڭىز ئىچىدىكى قىيما تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ، بىر-بىرىگە چاپلىشىۋالمايدۇ.

7. چىش چوتكىسىغا ئازراق تۇز سېلىپ چىش چوتكىلىسىڭىز ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلارنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

8. پادىچى ئىشتاننى يۇيغاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسىڭىز كىيىمنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.

9. ئەينەك ئىستاكانغا ئازراق تۇز سېلىۋېتىپ يۇيسىڭىز قالدۇق چاي دېغى چىقىپ كېتىدۇ.

10. موم قەغەزگە كۆپ مىقداردا تۇز قۇيۇپ، دەزمالنى موم قەغەزنىڭ ئۈستىدە ماڭغۇزسىڭىز چاپلىشىۋالغان نەرسىلەر چىقىپ كېتىدۇ.

11. ئىچىملىكنى تۇز چېچىلغان مۇز سۈيىگە سېلىپ قويسىڭىز، مۇزدەك ئىچىملىك ئىچەلەيسىز.

12. تۇخۇم يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتسە، تۇزنى سېلىپ بىرقانچە مىنۇتتىن كېيىن سۈرتىۋەتسىڭىز چىقىپ كېتىدۇ.

13. ماي يۇقىغا تۇز سېلىپ، سۇنى10 مىنۇت قىزدۇرۇپ يۇيىۋەتسىڭىز ماي دېغى چىقىپ كېتىدۇ.

14. كىيىم ۋە لۆڭگىلەر نەم ھاۋادا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالسا پاختىلىشىپ قالىدۇ. تۇز بىلەن لىمون شەربىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ قاسماق يەرلەرنى سۈرتسىڭىز چىقىپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى كىيىملەرنى قايتىدىن يۇيۇپ چىقىڭ.

15. يۇندى يولى توسۇلۇپ قالسا، ئىستاكاننىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان تۇز ۋەناترىي بىكاربوناتنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەۋرەز يولىغا قۇيۇپ، كەينىدىن يېرىم ئىستاكان ئاچچىقسۇ قۇيۇۋېتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن قايناقسۇ قۇيۇۋەتسىڭىز يۇندى يولى راۋانلىشىدۇ.

16. قىزىل ھاراق تۆكۈلۈپ كەتكەن يەرگە تۇزنى قۇيۇپ بەش مىنۇتتىن كېيىن سوغۇق سۇدا يۇيۇۋەتسىڭىز چىقىپ كېتىدۇ.

17. ئىككى ئىستاكان سۇغا ئىستاكاننىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان تۇزنى قۇيۇپ، قاسماق بولۇپ كەتكەن دەسمالنى چىلاپ قويسىڭىز، ئىككىنچى كۈنى پاك-پاكىز بولۇپ كېتىدۇ.

18. دۆشىنى قاچا يۇيۇش ماشىنىسىغا سېلىپ يۇيۇشقا بولمايدۇ. دۆشىنى ئىسسىق سۇ، تۇز، لېمون شەربىتىدە دېزىنفېكسىيە قىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.




ئەسلى مەنبەسى: خەنزۇچە تور بەت
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز