بۇ ھايات
مۇختار بۇغرا
بۇ ھايات چىرايلىق سىرلانغان بۆشۈك،
لېكىن ياغىچىنى يەپ كەتكەن قۇرت.
بۇ ھايات تىپتىنچ ھىندى ئوكياندۇر،
جەنۇبىي ئاسىيانى باسقان ئۇشتۇمتۇت.
بۇ ھايات ئويغانغان نورۇز مەۋسۇمى،
ئىزغىرىن جۇدۇندىن سورۇتقۇسى بار.
بۇ ھايات توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ،
ھەممىنى راۋۇرۇس ئوقۇتقۇسى بار.
بۇ ھايات ياشلىقتا قارا خاتىمە،
گاھىدا كۆرۈنەر ئاقيولنىڭ ئۇچى.
بۇ ھايات گاھىدا غۇلجا ھەسىلى،
گاھىدا تەرلەتكەن يەكەننىڭ موچى.
بۇ ھايات كېسەللىك يوشۇرۇنغان تەن،
رەڭگارەڭ پۇراقلىق بىر دورىخانا.
بۇ ھايات مۇنتىزىم تاللا بازىرى،
ئۇندا قالايمىغان قويۇلغان باھا.
بۇ ھايات مۇئەللىم چىقارغان سوئال،
بىر بالا دەست تۇرۇپ قايتۇرغان جاۋاب.
بۇ ھايات پىژغىرىم تومۇزدا دوغاپ،
سوغۇقتا زىررىسى تەڭشەلگەن كاۋاپ.
بۇ ھايات ئۈنئالغۇ يالتىراق لېنتا،
لىق توشقان جاراڭلىق خورغا، ناخشىغا.
بۇ ھايات يانغان شام تۇغۇلغان كۈندە،
ئۇنىڭدىن تامغىنى كۈلكە ھەم يىغا.
بۇ ھايات ھالاللىق پۇراپ تۇرغان قول،
باغلارغا سېلىغان ئاپپاق داستىخان.
بۇ ھايات سۆيگۈنى قىلىدۇ قوبۇل،
ئاھ، بوۋاق كۆڭلىدەك شۇنچە قەدىردان.
بۇ ھايات فېرمىدا يېتىلگەن توخۇ،
چوكان سېۋىتىدە ھەم يەرلىك تۇخۇم.
بۇ ھايات ئۇنتۇلغان كىلاسسىك شېئىر،
ھەم بۇغرا يازمىغان يېپيېڭى بوغۇم.