ئامېرىكا نيۇ-يورك بالىلار يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ئاپارنا كۇركانى يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ زىيادە سەمرىپ كېتىشى ياكى دىئابىت بولۇشى ھامىلىنىڭ يۈرىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2012-يىلدىن 2015-يىلىغىچە ھامىلىدار بولغان ھەم دىئابىت بار 82 ئايال ھەمدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن 26 ھامىلىدار ئايالنى نورمال ھامىلىدار بولغان 70 ئايال بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە، دىئابىت بار ھامىلىدار ئاياللار بىلەن سېمىز ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىسىنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ يېتىلىشىدە غەيرىي ئالامەتلەر بايقالغان.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى