تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئىككى كۈن ئىچىدە شىنجاڭدا جەمئىي 55 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىمتىھاندا خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالدى.

بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىنىلىپ كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلاردىن 3 نەپىرى بار.

 

  9-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئول خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىككى كۈنلۈك ئىمتىھان مەزگىلىدە، شىنجاڭدا جەمئىي 55 ئادەمنىڭ ئىمتىھاندا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئوقۇغۇچى يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 2013-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئېلان قىلدى. توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش 14-ئىيۇندىن 25-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 25-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قايسى پەنلەرنىڭ نومۇر چېكى 28-ئىيۇن ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-ئىيۇل رەسمىي باشلىنىدۇ.

  10-ئىيۇن، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا بۇ يىل شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مەكتەپ كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئېلان قىلىنىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز