ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن، خەيرىنسا ئابلىمىت خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇردىن بۇيان دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماق تولۇقلىمىسى ۋە ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، 20 مىڭ 543 ئوقۇغۇچىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.
يوپۇغا يېزا ئوتتۇرا تېگىن كەنتىدىكى دېھقان ئامانگۈل تۈرەم چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ بىر بالام يوپۇغا يېزا تېگىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئوزۇقلۇق تامىقى يەۋاتىدۇ، يەنە بىر بالام تېگىن قوش تىل يەسلىسىدە ئوقۇيدۇ، يەسلى ھەر كۈنى بالامنى ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھازىر مەن ئىككى بالامنىڭ چۈشلۈك تامىقىدىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم، دۆلەتنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ.
يوپۇغا يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان ئەمەر مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مارتتىن باشلاپ يېزىمىزنىڭ ھەر قايسى باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇن، گۈرۈچ، ماي قاتارلىق تاماققا كېتەرلىك ماتېرىياللارنى بىر تۇتاش ئامبارغا قاچىلاپ، ئوزۇقلۇق خۇرۇچلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. يېزىغا قاراشلىق بەش باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 869 نەپەر ئوقۇغۇچى دۆلەتنىڭ ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىدىن بەھرىمەن بولۇپ، تۆت قوش تىللىق يەسلىدىكى 380 نەپەر بالا دۆلەتنىڭ يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماق تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى.
ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوزۇقلۇق پىلانى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئېلى مەمەت مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزدىكى ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقان يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 15 مىڭ 818 نەپەر، يەسلىنىڭ تاماق تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقان يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى 4725 نەپەر. بۇ ئىككى تۈرلۈك ئېتبار سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ناھىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋامى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ غەم-ئەندىشىسى ۋە يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى .
بۇ ناھىيە بارلىق يېزا مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىلىرىنى مەكتەپنىڭ ئۆزى ئېچىشى، سىرتقا ھۆددىگە بەرمەسىلىكى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى مەخسۇس تۈردە ئوزۇقلۇق مۇتەخەسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوزۇقلۇق رىسالىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېمەكلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كىرىش يوللىرى ۋە تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنىڭ كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگەن كارخانىلاردىن بىر تۇتاش يەتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە ئۈچ يۈەن، يىلىغا 200 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىر خالتىدىن ئوقۇغۇچىلار ئىچىملىك سۈتى، بىر تۇخۇم، بىر بولكا بېرىپ، يەسلىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 1000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تاماق بېرىلدى، ھەمدە ساقلاش، يەتكۈزۈش مەركىزى قۇرۇپ، ھەر ھەپتىسى ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تامىقى رىسالىسىنى ئېلان قىلىپ، مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ يېمەكلىكلەرنى ئامباردىن چىقىرىش ۋە يەتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلارنى پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىپ، كۈنلۈك يەتكۈزۈلگەن يېمەكلىكلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپ تىزىملاپ، ۋاقتى ئۆتۈپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.