ناتونۇشتەك بىلىنمەكتە تەندە جان
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
گۇناھلىرىم ئارامىمغا چاڭ سېلىپ،
تۇنجۇقتۇرماق بولسا تۆككەن يېشىمدا.
قالدى نەدە؟ تەسەللىي دەپ بىلگىنىم،
سەۋدالىرىم بولدى سەللە بېشىمدا.
ئۇزۇن ئۇزۇن تۇننىڭ رەنجى بىلىنمەس،
تاڭلار بەلكىم مەندىن بىغەم ھەقىچان.
ۋېسال رەڭگى تاتارغانمۇ يۈزۈمدەك،
ناتۇنۇشتەك بىلىنمەكتە تەندە جان...
باش ئەمەستۇر مۆرەمدىكى، بەلكى تاش!
سەركەشلىكنىڭ ئەپسۇنىدا ئوقۇلغان...
كېپەندۇر ھەم ئۇچامدىكى ئۈستىۋاش،
شەيتىنىمنىڭ قوللىرىدا توقۇلغان...
ئاھ، ئەجەپمۇ ئېغىر ئېغىر تىنارمەن،
ئوچاقتىكى ئوتقا قاراپ، پەرىشتەم.
ئوتۇننىڭغۇ ئوتتا ھاسىل مۇرادى،
ھالا مېنىڭ جۇپ كۆزلىرىم بولۇر نەم.
لەۋزىم قېنى؟ قېنى قىلغان تەۋبە ھەم
نېچۇن باغلار ئۇزۇن ساچىڭ بېشىمنى...
نېچۇن راھەت بىلىنەر شۇ مەئسىيەت،
تارام-تارام ئاققۇزسىمۇ يېشىمنى...
ھەقسىزلىككە مۆھۇر بولدى تىنىقمۇ،
يۇيۇش ئۈچۈن نەدىن ساۋاب تاپارمەن؟
ئامانەت قىپ ساقلاتقىنىم گۇناھكەن،
سولدىن كەلسە ئەمەل، نەگە قاچارمەن؟