ساختا زىننەت بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى، ھەقىقىي زىننەت بۇيۇمى بىلەن ئوخشاشلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خانىم-قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. لېكىن ساختا زىننەت بۇيۇمى تەركىبىدى خىمىيەلىك تەركىب بولۇپ، بۇ خىل ماددا بەدەنگە زىيانلىق.
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، ساختا زىننەت بۇيۇمى تەركىبىدە كادمېي، نىكېل، قوغۇشۇن قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، كادمىي راك پەيدا قىلىدىكەن. نىكېلنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، قوغۇشۇن تېرىدە زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل ماددىلار ئىچكى ئاجراتمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، يۈز يۇغاندا ياكى تەرلىگەندە زىننەت بۇيۇمى تاقىماسلىق، زىننەت بۇيۇمىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھەر خىل زىننەت بۇيۇمىنى بىرلا قۇتىنىڭ ئىچىدە ساقلىماي، ئايرىپ ساقلاشقا دىققەت قىلىش، زىننەت بۇيۇمىنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، يېڭىدىن سېتىۋالغان زىننەت بۇيۇمىغا تىرناك لاكى سۈرتكەندىن كېيىن ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/04/content_495954.htm