تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
پەرزەنتىڭىزنىڭ ‹‹سىرى››نى ئالدىراپ كوچىلىماڭ

   ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ‹‹سىرى›› بولىدۇ.  پەرزەنتلىرىمىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق. بۇ  نورمال پسىخىك ھادىسە. بۇ ‹‹سىر›› پەرزەنتلەرنىڭ ئەركىنلىك دۇنياسى، مىجەزىنىڭ مۇجەسسەملەشكەن ئىپادىسىدۇر. ئاتا – ئانىلار بۇ ‹‹سىر››نى خالىغانچە كوچىلىماسلىقى كېرەك.

     بالىلارنىڭ ھەرخىل ياش باسقۇچىدا ئۆزىگە تۇشلۇق ‹‹سىر››لىرى بولىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى مەزگىللىرىدە، بالىلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئويۇنچۇقلىرى، كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن نەرسىلىرىنى ئۆزى بىلىدىغان جايغا يوشۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ‹‹سىرى›› بولىدۇ. ئوقۇش يېشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئۇلارنىڭ ئۆزى ياسىغان، قۇراشتۇرغان، ئەمما بىروۋلارغا كۆرسەتكۈسى كەلمەيدىغان نەرسىلىرى، ساددا، كۈلكىلىك قىزىقىشلىرى ۋە ئويۇنلىرى بولىدۇ، ئۇلار بۇنى مەخپىي ساقلايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ‹‹سىرى›› ھېسابلىنىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغاندا، بالىلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى، دوستلىرى، يۈكسەك غايىلىرى بولىدۇ، ئۆزىنىڭ مىجەزىگە خاس تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئادەتلىرى، ھەتتا يات جىنىستىكى دوستلىرىمۇ بولىدۇ.  پەرزەنتلەر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنى ئۆزىچە ‹‹سىر›› تۇتىدۇ، ئاتا – ئانىلىرىدىن يوشۇرىدۇ. بۇلارنى ئۇلار ئاتا – ئانىسىغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئاشكارىلىمىغىچە، ئاتا – ئانا ئۆز مەيلىچە بۇ ‹‹سىر››نى كوچىلىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئامال بار  ئېھتىياتچانلىق بىلەن  يېقىنلىشىش كېرەك. چۈنكى، بالىلار ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى ناھايىتى مۇھىم بىلىدۇ. روسىيىنىڭ بالىلار پسىخولوگى سۇخۇملنىسكى ‹‹ئاتا – ئانىلار تەربىيەشۇناسلىقى›› دېگەن كىتابىدا:‹‹ھەرقانداق ئاتا – ئانا ھوقۇقىنى ئۆز لايىقىدا ئىشلىتىشى، ھوقۇقىنى ئىشلەتكەندە ئۇنى قايسى چەكتە توختىتىشنى بىلىشى، بالىلارنىڭ سىرلىق دۇنياسىنىڭ قاچان، قايسى جايدىن باشلانغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ سىرلىق دۇنياسىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. چوڭلار ئۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك›› دەپ يازغانىدى. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن قوپاللىق قىلسا، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. بالىلارنىڭ ‹‹سىر››ىغا يېقىنلىشىش ئۇلارغا قىلىنغان ھۆرمەت، يول قويۇشتۇر. بۇنىڭ بىلەن سىزمۇ پەرزەنتىڭىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيسىز. لېكىن بۇ سىزنى بالىڭىزنىڭ سىرى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، دېگەنلىك ئەمەس. زۆرۈر تېپىلغاندا، بالىڭىزنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ئارىلاشسىڭىز بولىدۇ، ئەمما چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭ. ئاتا – ئانا پەرزەنتىنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغاندا، بالا ئۆيگە كەچ قايتسا ياكى سىرتتا قونۇپ قالسا، مۇشۇ جەھەتتىكى سىرلىرىنى جەزمەن بىلىپ، ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ تەربىيە بەرسە بولىدۇ.مۇھىمى، تەربىيە بېرىش پۇرسىتىنى ئوبدان ئىگىلەپ، سەۋرچانلىق بىلەن كۆيۈنۈش ئاساسىدا مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلسىڭىز، ئاقىلانىلىك قىلغان بولىسىز. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە پەرزەنتىڭىزنىڭ ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگسىڭىز، بۇنداق تەربىيە پەرزەنتىڭىزنى يامان يولغا ئىتتىرىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرگە تەربىيە بەرگەندە، سەۋرچانلىق بىلەن ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئۈلگىلىك پائالىيەتلىرىدىن ئىجابىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا، ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.           

     پەرزەنت تەربىيىسى بىر مۇرەككەپ جەريان، بۇ جەرياننى توغرا يۆنىلىشتە تاماملاش ئاتا – ئانىنىڭ بۇرچى. شۇنداق ئىكەن، بۇنىڭغا ئالدىراقسانلىق بىلەن قوپاللىق قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا ‹‹شېخىنى ئىگىمەن دەپ، سۇندۇرۇپ قويغان››غا ئوخشاش ئىش بولىدۇ.يېتەكلەشنى 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز