تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بىقىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىك بار ؟


بوۋاقنىڭ بىر ياشقا توشاي دىگەن بۇ ۋاقتى دەل ئانا سۈتىدىن ئايرىشنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچى . بۇ ۋاقىتتىكى قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىلگىرىكىدەك ئۇنچىلىك ئىنچىكە ، يۇمشاق ئىزىپ بەرمىسىمۇ ، قەدەممۇ قەدەم چوڭلارنىڭ تامىقىغا يىقىنلاشتۇرسا بولىدۇ . بەزى بوۋاقلارنىڭ مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن تېخى پۈتۈنلەي ئانا سۈتىدىن ئايرىلىپ بولالمايدۇ . بۇ چاغدا ئاتا-ئانا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك  . چۈنكى بوۋاقنى پۈتۈنلەي ئانا سۈتىدىن ئايرىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئىش ئەمەس . بوۋاق ئانا سۈتىدىن ئايرىغاندىن كىيىن دانلىق زىرائەتلەر يىمەكلىكى ئاساسلىق يىمەكلىكى بولۇپ قالىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىسسىقلىق مىقدارى ئاساسەن مۇشۇ يىمەكلىكلەردىن كېلىدۇ . ئەمما بوۋاقلارنىڭ غىزا گۈرۈچ ، ئۇننى ئاساس قىلىش بىلەن بىللە يەنە ھايۋانات يىمەكلىكلىرى ھەم كۆكتات ، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ماسلاشتۇرۇش ، بوۋاقنىڭ غىزالىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاماق ئەتكەندىمۇ ھەر خىل ئۆزگەرتىپ تۇرۇش مەسىلەن ؛ مانتا ، تۈگرە ، چۆچۈرە ، مۇما قاتارلىقلارنى ئېتىپ بىرىش . ئۇنىڭدىن سىرت  ئانا سۈتىدىن ئايرىش ھەرگىزمۇ بوۋاقنى ھېچقانداق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلغۇزماسلىق دېگەنلىك بولماستىن پەقەت سۈت مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ ئانا سۈتى داۋاملىق تۈردە بوۋاقنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇپ قالمىسۇن دېگەنلىكتۇر . كالا سۈتى  كالتىسىي ماددىسى  ۋە باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى تولۇقلايدىغان ئەلا مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا بوۋاققا ھەر كۈنى مۇۋاپىق  مىقداردا بىرىلىدۇ . ئادەتتە  بوۋاقنىڭ  كۈندە  ئىچىدىغان كالا سۈتىنىڭ مىقدارى 250 مىللىلىتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك .

 مەبە ؛ بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ھەققىدە 200 مەسلىھەت


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز