گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
بىزدە شۇنداق بىر ئاتالمىش تەسەللىي باركى «سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول» دەيدىغان. ئەمما قانچىلىغان ئادەملەر ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن توي قىلىپ خاندەك تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققان؟ بۇ ئەلۋەتتە ئۆزى سۆيگەن قىزىنى ئالالمىغان ياكى سۆيگەن يىگىتىگە ياتلىق بولالمىغانلارنىڭ تەسەللىيسى خالاس. ھەركىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ شۇنچە بەخت ھېس قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزۈمدىن سەل ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتىم. چۈنكى قەيسەر ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەش يوق، ئەكسچە، شەخسىي ئۇچرىشىشلىرىمىز كۈندىن كۈنگە ئازىيىپ، ئۇنىڭ كاماندروپكىسى بولۇپمۇ چەتئەلگە چىقىدىغان ئىشلىرى كۆپىيىپ قېلىۋاتاتتى. شۇنچە يىل يۈرۈپتىمىز، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىسەم نېمە بوپتۇ؟ دەيتتىم ئىچىمدە... ئەمما، يەنىلا، ئۆزۈمنىڭ ئاتالمىش پىرىنسىپىم بۇنىڭغا يول قويمايتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ، ئۇمۇ ئىزدىمەي، مەنمۇ ئىزدىمەي شۇ پېتى ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپمۇ ئىزدەشمەيدىغان ھالەتكە يەتتۇق. قارىغاندا، ھازىرقى بالىلار دەۋاتقان «تەلەپ قويۇشماي مۇھەببەتلىشىپ قېلىش»تەك بىزمۇ ئېغىز ئېچىشماي تۇرۇپلا ئايرىلىپ كېتىدىغان ئوخشىمامدۇق؟! شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولاتتى-يۇ، كۆرگەن كورىيە كىنولىرىدىكىدەك ئۇنچە يۈرىكىمنى مۇشتلاپ يىغلاپ كەتكۈدەك ئازابلانمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم.
يانفوننى يانغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزۈمچە ئۆيدە ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتىم. ناخشىنىڭ ئاۋازىغا ئارىلىشىپ يانفون مۇزىكىسى سايرىدى:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كىمۇ؟
- ياخشىمۇسىز؟
- ياخشى، سىز كىمۇ؟
- ئۆيدىكىلىرىڭىز تىنچلىقمۇ؟
- ھەئە، تىنچلىق، رەھمەت، سىز كىم؟
- خىزمەت ئىشلىرىڭىز كۆڭۈللۈكمۇ؟
- ئۇف، ھەئە، رەھمەت!
- سالامەت...-ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا، پىلىموتتەك سۆزلەپ چۈشۈپتىمەن:
- سالامەتلىكىممۇ ياخشى، خۇداغا شۈكرى، ئۆيىمىزدىكى گۈللەرمۇ ئېچىلىپ تۇرۇپتۇ، بېلىقلىرىمنىڭ ھەممىسى ھايات، كىيىملىرىم پۈتۈن، ئاياغلىرىمنىڭ چەمىمۇ ئاجراپ كەتمەي ياخشى ياشاۋاتىمەن. كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، ئەمدى دەڭە سىز زادى كىمۇ؟
- ھاھاھاھا! - قارشى تەرەپتىن شۇنداق تونۇش بىر كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى. بىر ئايدىن بۇيان تېلېفون قىلىپ سالمىغان قەيسەر ئەجىبا ئەمدى ئىزدىگەنمىدۇ؟
- قەيسەر؟ بۇ سەنما؟ -مەن يەنىلا ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتىم. قارشى تەرەپ كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران تۇتىۋالدى بولغاي:
- ھېي سەت نۇرزەك، مەن بۇ مەن! تونۇمىدىڭما؟
- ھەسەن؟! ھەي سەن... بۇ سەنما؟
شۇنداق قىلىپ ھەرئىككەيلەن قايتىدىن سالاملىشىپ، ئەھۋاللىشىپ ئۇزۇن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. تېلېفوندا پارىڭىمىز تۈگىمەيدىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا باغچىدا ئۇچراشماقچى بولۇپ كېلىشتۇق.
ھەقىقەتەن ھەسەن ئىككىمىزنىڭ گېپى تۈگىمەيتتى، قايسى تەرەپتىن گەپ ئېچىلسا شۇ تەرەپتىن ئوخشاش ئورتاق پارىڭىمىز بار. ئۇ مەندىن قەيسەر توغرىلىق ھېچنېمە سورىمىدى، مەنمۇ ھەم سورىماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. قاراڭغۇ چۈشەي دېگەندە، ئۇ مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇپ، ئۇچۇر يوللاپتۇ.
«سېنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، مەن ئەمدى بۇ شەھەردە قېلىشنىڭ ئەڭ چوڭ باھانىسىنى تاپقاندەك قىلىمەن.»
قەلبىمنى ئىللىق بىر سېزىم چۇلغىۋالدى، قەيسەرنى ئويلىدىم، ئۇ ھەسەننىڭمۇ بۇ شەھەرگە كەلگەنلىكىنى بىلسە قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ھە!؟ توغرا، قەيسەرگە ئۇچۇر يېزىشنىڭ بىر باھانىسى چىقتى:
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭ؟ شىركەتنىڭ ئىشلىرى ياخشى كېتىپ بارامدۇ؟ ساڭا بىر خۇش خەۋەر دەي دېگەنىدىم، بولساڭ ئۇچۇر قايتۇرساڭ بوپتىكەن.»
...... بەش مىنۇت، ئون مىنۇت، يېرىم سائەت ئۆتتى، ئۇچۇر كەلمىدى.
«ئالدىراش بولساڭ مەيلى، خۇش خەۋەرنى دەۋېرەي ھە، ھەسەنمۇ ئۈرۈمچىگە كەپتۇ، قانداق؟ خۇش بولغانسەن؟»
.... يەنە ئۇچۇر كەلمىدى. ئەمدى ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتىم، يوقىلاڭ خىياللارنى قىلىپ، ئۆزۈمچە يىغلىغۇم كېلەتتى. تېلېفون قىلدىم، تېلېفونى ئېتىك.
قانداق قىلىشىم كېرەك؟ كامىلەمۇ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن يۇرتىغا كەتكەن پېتى مانا ئىككى ئايدىن ئاشتى قايتىپ كەلمىدى. بۇ يالغۇزلۇق جېنىمدىن ئۆتۈۋاتاتتى. شۇنىڭدىمۇ كامىلەگە تېلېفون قىلدىم:
- ئاداش، قايتىپ كەلمەمسەن؟ سېنى شۇنداق سېغىندىم، بۇ چوڭ ئۆيدە مەن لەيلەپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. بەك تاشلىۋەتتىڭ مېنى... -يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن، كامىلە ئۆزىچە كەمسۆز، ماڭا مۇنداقلا تەسەللىي بېرىپ قويدى:
- شۇ، مەنمۇ سېنى سېغىندىم، چىداپ تۇر، يەنە بىر نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن سېنى كۆرگىلى بارىمەن، جېنىم ئاداش...
- ھەي، يەھيا بىلەن ئالاقىلىشىۋاتامسەن؟
- ياق، نېمە بولدى؟
- ئەمدى دەيمىنا، قەيسەر بىلەن ئالاقىلىشالمىغىلى خېلى بولدى، شۇڭا ئەنسىرەپ قالدىم، يەھيادىن سوراپ باقاي دېگەنتىم.
- ھە، ئەمسە مەن يەھياغا تېلېفون قىلىپ باقاي!
- ياقەي سېنى ئاۋارە قىلماي، ئۆزۈملا قىپ باقمامدىم.
- ئاۋارە بولامدىغان، جىق ئويلىمىغىنە... كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما.
- كامىلە، مەن...
- ئۆيگە مېھمان كېلىپ قالغانتى، ئاداش، كېيىن سۆزلىشەيلى ھە! خوش!
.... ئەمدى ساقلىماقتىن باشقا ئامال يوق. ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن، ناتونۇش بىر نومۇردىن تېلېفون كەلدى:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قەيسەر؟
- ھەئە، مەن، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
- ياخشى، ئۆزۈڭچۇ؟ ئەجەب يوقاپ كەتتىڭ، ئادەمنى ئەنسىرىتىپ؟! ئۇچۇر يازساممۇ قايتۇرمايسەن... بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
- ياقەي، شۇ ئالدىراش بولۇپ قېلىپ...
- ھە، سەن ھازىر نەدە؟ تاماق يېدىڭمۇ؟ بەك ئالدىراش دەپ قورساقنى ئاچ قويما، ياكى مەن ئاپىرىپ بېرەيمۇ؟
-مەن تۈركىيەدە، ئازراق سودا ئىشلىرى بىلەن چىققان، خېلى ۋاقىت تۇرۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن.
- ھە، مۇنداق دېگىن، بوپتۇ ھە، ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا...
- نۇرزىيە،- ئۇنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازىدىن يۈرىكىم سېلىپ كەتتى.
- ھە؟
- پۇشايمان قىلدىڭمۇ؟
- ھە؟ نېمىگە؟
- ماڭا يازغان ئۇچۇرۇڭنى دەيمەن، پۇشايمان قىلغان بولساڭ دېگىن، ياخشى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ.
- ھە؟ سەن نېمە دېمەكچى؟ قارىغاندا سەن پۇشايمان قىلغان ئوخشىمامسەن؟
- ئۇچۇرنى يازغان ئادەم سەن تۇرساڭ، مەن قانداقسىگە پۇشايمان قىلغۇدەكمەن؟ سوئالىمغا جاۋاب بەر!
- مەن پۇشايمان قىلمىدىم!
- ھە، چۈشەندىم. ئەمسە بەختلىك بولغىن، بۇندىن كېيىن ئىزدەشمەيلى!
- نېمە؟ قەيسەر.... - تېلېفون ئۈزۈلۈپ كەتتى.
بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ ئاۋازىمنى چىقىرالماي، ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ، بۇقۇلداپ يىغلاۋاتىمەن، ھەقىقەتەن كورىيە كىنوسى مۇھەببەت شەرتلىرىدىكى يىڭبو يۈنزېدىن ئايرىلغاندا يىغلىغىنىدەك، يۈرىكىمنى مۇجۇپ، مەيدەمگە مۇشتلاپ دەھشەتلىك بىر ئازاب بىلەن يىغلاۋاتىمەن. تۆت تام ماڭا مۇزدەك باقماقتا، ئۈستىلىمدە تىزىقلىق تۇرغان قەيسەرنىڭ سۈرىتى ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قاراپ تۇرىدۇ. بېرىپ ئۇنى دۈم قىلىپ قويغۇدەك راۋىتىم يوق! يىغلاۋاتىمەن، قېقىلىپ قېقىلىپ يۆتىلىۋاتىمەن! شۇ ئەسنادا كامىلەدىن ئۇچۇر كەلدى:
«ئاداش، قەيسەر ئىزدىدىمۇ؟»
«ھەئە، ئىزدىدى، ئەمما بىز يوق بولۇشتۇق، ئاداش، كۆڭلۈم بەك يېرىم!»
«ئايرىلىپ كەتتىڭلارما؟ نېمىشقا ئەمدى؟»
«ئۇ پۇشايمان قىپتۇ!»
«ھە، بوپتۇ، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، سېنىڭ نەرىڭ كام؟ ساڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسى چىقىدۇ!»
ئۇچۇر قايتۇرمىدىم... ئىككى كۈن ئاش-تاماقسىز ياتتىم، يىغلىغۇم، خىيال سۈرگۈم، يېتىۋالغۇملا كېلىدۇ. يانفونۇمنى قايتا قولۇمغا ئېلىپ قارىدىم، قەيسەردىن بىرمۇ ئۇچۇر يوق، ھەسەندىن 42 قېتىم تېلېفون، 17 قېتىم ئۇچۇر كەپتۇ. ئۇچۇرنى ئاچتىم:
«نۇرزەك، مەن بىنانىڭ ئاستىدا سېنى ساقلاۋاتىمەن، چۈشە بىللە تاماق يەپ كېلەيلى!»
«ھەي، مىس مىس، تېخىچە ياسىدىقىڭ پۈتمىدىما؟»
«بولدى، چۈشۈۋەر، سېنىڭ قايسى سەت ۋاقتىڭنى كۆرمىگەن مەن؟! بەك ساقلاپ كەتتىم!»
بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كەلگەن ئۇچۇرلاركەن. ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا، بەش مىنۇت ئالدىدا كەلگەن ئۇچۇركەن:
«ھېلىمۇ ياز بولۇپ قاپتۇ، بولمىسا توڭلاپ ئۆلەركەنمەن. قورو ئالدىدىكى باغچىدا سېنى ساقلاپ ئولتۇرغىلى 32 سائەت بولدى، سەن چوقۇم قەستەن مېنى كۆزىتىۋاتىسەن ھە؟!»
تېزدىن دېرىزە تۈۋىگە باردىم، قورودىكى كىچىك راۋاقتا ئولتۇرغان ھەسەننى كۆرۈپ تېخىمۇ يىغا تۇتتى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ، تېلېفوننى ئىشارە قىلدى:
- ۋەي، ھە!
- نېمە بولدۇڭ؟
- شۇ كۆڭلۈم يېرىم.
- مەندىن خاپا بوپ قالدىڭما؟
- ياق.
- ئەمسە نېمىشقا تېلېفونۇمنى ئالمايسەن؟
- قارىماپتىمەن.
- ئاز گەپ قىلىپ، پەسكە چۈشە، تاماق يەيمىز!
- يېگۈم يوق.
- مەن چىقامدىم يا؟
- ياق، چىقما!
- ئەمسە يېرىم سائەتكىچە چۈشۈپ بول، بولمىسا چىقىمەن!
- ئۇف، ماقۇل!
ھەسەن ئىككىمىز يېڭى ئېچىلغان بىر تاماقخانىغا كىردۇق. ئۇ ماڭا قاراپ، بېشىنى چايقاپ:
- كۆزلىرىڭ ئىششىپ نېمە بوپ كەتتى؟! شۇنچە يىغلىدىڭما؟
- سەن نېمە بىلىسەن!؟
- مەن نېمىنى بىلمەيدىكەنمەن!؟ قەيسەردىن نېمىشقا ئايرىلىپ كەتتىڭ!
- مەن ئايرىلىپ كېتىپتىمەنما؟
- ئەمسە مەن ئايرىلىپ كېتىپتىمەنما؟
- جىلە قىلما، خۇشياقمىغاندا، ساراڭ!
- ھە دېگىنە، ئۆزۈڭ ئازابلىنىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئايرىلىپ كېتەيلى دېدىڭ؟
- توۋا، قەيسەر شۇنداق دېدىما؟ مەن ئايرىلىپ كېتەيلى دەپتىمەنما؟
- قەيسەر دېمىدى، مەن كۆردۈم!
- نېمىنى كۆردۈڭ؟
- سەن يوللىغان ئۇچۇرنى، ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ يازغان ئۇچۇرۇڭنى كۆردۈم.
- نېمە؟- بېشىم پىررىدە قايدى! ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋېلىپ، يانفونۇمنى چىقاردىم.
- نېمە ئۇچۇر دېدىڭ؟ قاچان يوللاپتىمەن؟ قەيسەر بىلەن يوللاشقان ئۇچۇرلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۆچۈرۈپ باقمىدىم، مانا ئۆزۈڭ ئىزدەپ تېپىپ بېرە ماڭا!
ھەسەن ماڭا ئىككىلىنىپ قاراپ قويۇپ، قولۇمدىكى يانفوننى ئالدى. نەچچە قېتىم ئالدى كەينىگە سۈرۈپ، تەكرار ئىزدىدى بولغاي، ئۆزى كۆرگەن ئۇچۇرنى تاپقاندەك قىلمايتتى:
- ھىي، بۇ قانداق ئىش بوكەتتى؟ قارىسام، سېنىڭ نومۇرۇڭدىن كەلگەن ئۇچۇركەن، ئۇمۇ سەن بىلەن يوللاشقان ئۇچۇرلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۆچۈرۈپ باقماپتۇ. ئېنىق كۆرگەن تۇرسام، سەندە يوقيا؟ سەن راستىنلا ئۇنداق ئۇچۇر يوللاپ باقمىدىڭما؟
- مەن ساراڭما؟ ھەسەن سەن مېنى چۈشەنمەمسەن؟
ھەسەن ماڭا ھېسداشلىق نەزىرىدە قاراپ، بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقاندەك، بارماقلىرىنى ئۈستەلگە يەڭگىل ئۇرۇپ ئولتۇراتتى.
- بۇنداق دېسەم خاپا بولما، ئەمما، ئېنىقلىمىساق بولمايدۇ. مەن پەرىزىمنى دەپ باقاي،- ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- مېنىڭچە تېلېفونۇڭنى بىرەرسى ئېلىپ ئۇچۇرنى يوللاپ بولۇپلا، ئۆچۈرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
- نېمە؟ مۇمكىن ئەمەس، قاچان يوللانغان ئۇچۇركەن؟ - بېشىمدىن بىر قاپاق مۇزدەك سۇ قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. مەن يېقىنلىرىمنىڭ بىرەرسىدىن ئۇنداق ناكەس چىقىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم.
- 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە يوللانغانكەن. ئۇ چاغدا سەن نەدىتىڭ؟ كىم بىلەن بىللىتىڭ؟
- ئۇ كۈنى، كامىلەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، قەيسەر، يەھيا، مەن بىز تۆتەيلەن بىللە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ كەچرەك قايتقانىدۇق، ھە توغرا، قەيسەر ئۇ كۈنى كەچتە ماڭا توي تەكلىپى قويماقچى بولغانىدى، مۇشۇنداق ئاددىيلا توي تەكلىپى قويامسەن؟ دەپ چاقچاق قىلىپ ئۆيگە قېچىپ كىرىپ كەتكەنىدىم. دەل شۇ كۈندىن كېيىن ئۇ مېنى ئاساسەن تاشلىۋەتتى. بۇنداق ئۇچۇرنىڭ يوللانغىنىنى مەن قەتئىي بىلمەيدىكەنمەن.
- ئۇ كۈنى يانفونۇڭنى ئۆيگە قوپقويغانمىتىڭ؟ يېنىڭدا ئەمەسمىتى؟
يۈرىكىم سېلىۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشنى قەتئىي خالىمايتتىم، شۇ قەدەر ئىشىنەتتىمكى، ئىچ-باغرىمنىڭ بارچىسىنى ئۇنىڭغا ئەينەن بىلدۈرۈشكە تىرىشاتتىم. ئەپسۇس، ئەمەلىيەت شۇنداق رەزىللىك بىلەن مېنىڭ خاتالاشقانلىقىمنى، ياق، ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ئازغانلىقىنى ماڭا ئىشەندۈرىۋاتاتتى.
ھەسەن مېنىڭ يەنە يىغلاۋېرىشىمگە چىدىمىدى، ئۇ ماڭا كايىپ:
- كامىلەگە تېلېفون قىلىپ، ئېنىق سورا، ئاندىن قەيسەرگە چۈشەندۈر!
- ياق، ئەگەردە كامىلە قەيسەرنى ياخشى كۆرسە، قەيسەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بولسىچۇ؟ بوپتۇ، مەن چېكىنىپ چىقاي!
- ساراڭمۇ سەن؟ قەيسەرنىڭ قانچىلىك ئازابلانغىنىنى سەن بىلەمتىڭ؟ ئۇنىڭ كۆڭلىدە كىم بارلىقى ساڭا ھەممىدىن ئايانغۇ؟ تېخىچە ئۆزۈڭگە ئىشەنمەي يۈرىۋاتامسەن؟
- مېنىڭ كامىلەنى خىجىل قىلغۇم يوق!
- ھەي، غورۇرۇڭ بارمۇ سېنىڭ؟ خەق سېنى ئويلاپتىمۇ؟ نېمانداق دۆت سەن؟!
بۇ قېتىمقى ئازاب، ھېچنېمىگىلا ئوخشىمايدىغان مۇرەككەپ تۇيغۇدا ئۆرتىنىۋاتقان قايغۇ ئىدى. ئۆزۈمگە يىغلاۋاتامدىم، قەيسەرگىمۇ ۋە ياكى كامىلەگىمۇ!؟
بىر قانچە كۈن ئۆتكۈچە ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمىدىم، پەقەت ھەسەن كۈندە ماڭا تاماق ئەكىلىپ، ئەھۋالىمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. ئۇ مېنىڭ كۈندىن كۈنگە ئازابلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ ھەرخىل قىزىقارلىق ئىشلارنى يۇمۇرلارنى سۆزلەپ بېرىپ باقتى، ناخشا ئېيتىپمۇ باقتى. يالغانمۇ كۈلەلمەي ئۇنىمۇ خىجىل قىلىپ قويۇۋاتاتتىم.
شۇ ئىشتىن دەل بىر ھەپتە كېيىن، ئىشىك چېكىلدى. ئۇخلاش كىيىمى بىلەن چاچلىرىم قالايمىقان ھالەتتىلا بېرىپ، ئىشىكنىڭ مۈشۈك كۆزىدىن مارىدىم. قەيسەر؟؟؟؟ بۇ قەيسەركەنغۇ؟ ئۇ نېمىشقا كەلگەندۇ؟ ئاھ خۇدا، مېنىڭ ھازىرقى بەتبەشىرە ھالىتىم! ناھايىتى تېزلىكتە كىرىپ، يېپىنچىدىن بىرنى ئارتىپ، چېچىمنى بوغۇپ چىقتىم. ئۇ قولىدا بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ تۇراتتى:
- سەن مەن كۆرگەن ئادەملەر ئىچىدە ئەڭ ئەخمەق، ئەڭ دۆت بىر ئادەم!
كۆز ياشلىرىمنى قۇرۇپ كەتتىمىكىن دېسەم، يەنە ئىسسىق ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ چۈشكىلى تۇردى. ھېچنېمە دېمەي، ئۆيگىمۇ باشلىماي ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم:
- كىرسەم بولمايدۇ ھەقىچان؟! ئۆيۈڭ چوقۇم بەك قالايمىقان، شۇڭا تەكلىپمۇ قىلمىدىڭ-ھە؟!
كۆزۈمدە ياش، شۇنىڭدىمۇ ئۇنىڭ ئەركىلىتىشىدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىپ، خۇشاللىقتىن كۈلۈپ سالدىم. ئۇ يوغان قولى بىلەن بېشىمنى تۇتۇپ، ئاستا مەيدىسىگە قويدى. تېخىمۇ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم، بەلكىم بۇ بەخت يېشىدۇر!
ئىككىمىز يارىشىپ قالدۇق، ئۇ ئۇچۇر توغرىسىدا ھېچنېمە دېيىشمىدۇق، ئۇمۇ، مەنمۇ تىلغا ئېلىشمىدۇق. بىر كۈنى كەچتە مەن ھەسەندىن ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم:
«نۇرزەك، بەلكىم ئاخىرقى قېتىم مۇشۇنداق ئۆزۈمچە سېنى يېقىن كۆرۈپ ئاتىشىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. قەيسەرنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ، سەندىن پەقەتلا ۋاز كېچەلمىگەنىدىم. بارچە ئىشلىرىڭنى قەيسەردىن سوراپ، ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم. قەيسەردىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىڭنى (يالغان ئۇچۇر)، ھەمدە كەينىدىن سېنىڭ خۇش خەۋەر، دەپ مېنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىمدىن شۇنچە خۇشال بولۇپ، قەيسەرگە ئۇچۇر يوللىغىنىڭدىن، قەيسەر ئازابلانسا، مەن كۈلگەنىدىم. ئۆزۈمچە ماڭا پۇرسەت باركەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەپسۇس، ئەسلى كامىلەنىڭ بىر ئويۇنى بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بەختىنى نابۇت قىلغىلى تاس قاپتىمەن. گەرچە ساڭا ئېرىشىش مەن ئۈچۈن بەخت بولسىمۇ، ئەمما، ساڭا بەختنى ھېس قىلدۇرۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدىكەن. سەندىن رۇخسەتسىزلا ھەممە ئىشنى ئاشكارىلىۋەتتىم، مېنى كەچۈر! ئەمدى سىلەرنىڭ توي باغىقىڭلارنى كۈتۈشۈم كېرەك. ئۇندىن بۇرۇن، ماڭا ھەرگىز پۇرسەت بېرىپ قالما! چوقۇم بەختلىك بولۇڭلار!»
بىز تويدىن كېيىن، تاساددىپىي بىر پاراڭلىشىشتا، كامىلە توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدۇق. قەيسەر ماڭا ھەممىنى سۆزلەپ بەردى. كامىلە قەيسەرنىڭ تۈركىيەدە شىركەت قۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوغلىشىپ تۈركىيەگە چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە يۇرتىغا قايتقانىكەن. ئەپسۇس، كامىلەنىڭ تۈركىيەگە چىقىشى بىلەن تەڭ، ھەسەن بارلىق ئىشلارنى ئاشكارىلاپتۇ. كامىلەنىڭ ئەينى چاغدىكى شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلى، دوستلۇقىمىزغا قەبرە ياسىغان بولدۇق. بەلكىم ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، شۇ قەبرە بېشىدا ئولتۇرۇپ، رەھمەتلىك دوستلۇق رىشتىمىز ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىدىغاندۇ!
تۈگىدى.
http://www.niyazim.com/?p=648 گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىلىرى نىيازىم تورىدا