تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەقلىي يانفونلار 2017-يىلغا بارغاندا ئىنسانلاردىن ئەقىللىق بولۇپ كېتىدۇ

 ئەقلىي يانفونلار 2017-يىلغا بارغاندا ئىنسانلاردىن ئەقىللىق بولۇپ كېتىدۇ

 

سىنا پەن-تېخنىكىسىنىڭ 31-مارت خەۋىرى: ئۇچۇر تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى بولغان Gartner شىركىتى يېقىندا شىنجېن، بېيجىڭدا ئابونتلار مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى، Gartner نىڭ ئانالىزچىلىرى كۆپچىلىك بىلەن ئىستېمال خاراكتېرىدىكى تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات مېۋىلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

Gartner نىڭ قارىشىچە، ئەقلىي يانفونلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستېمالچىلارنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەرىكىتىنى، كېيىنكى قېتىملىق مال سېتىۋېلىشى ياكى ئۆزى بىلگىنىگە ئاساسەن ئىستېمالچىلارنىڭ قىلمىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن. بۇ كۆزىتىش كۈچى بىلىش (cognizant computing) مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكىسى توپلىغان شەخسىي ئۇچۇر ئارقىلىق ھەمدە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

Gartner نىڭ تەتقىقات باش نازارەتچىسى ساندىي شېن:«ئەقلىي يانفون كۈنسېرى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، 2017-يىلغا بارغاندا، ھەتتا ئادەملەردىن تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىدۇ. مىسال كەلتۈرسەك، ئەگەر قاتناش قىستاڭچىلىقىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، يانفون بۇرۇنلا غوجايىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يىغىنغا بېرىشقا ئەسكەرتىدۇ؛ ئەگەر خىزمەتداشلار بىلەن يىغىن ئاچسا، كەچۈرۈم سورىغان ئۇچۇرنى قارشى تەرەپكە ئەۋەتىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، سېنزور، ئابونت ئورنىنى بەلگىلەش ھەمدە شەخسىي سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلاردىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ» دېدى.

ساندىي شېن:«ئەنئەنىۋى يانفون تۆۋەندىكى ئىككى ئامىل سەۋەبلىك ئەقلىي يانفونغا ئۆزگەردى، يەنى تېخنىكا بىلەن يۇمشاق دېتال ئەپ سەۋەبلىك. قاتتىق دېتال تېخنىكى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارى، مەسىلەن فوتوئاپپارات، ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى ۋە سىنزور قاتارلىقلارنى ئاتا قىلدى؛ ئەپ بولسا بۇ قاتتىق دېتاللارنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر خىل ئىقتىدارلارنى شەكىللەندۈردى، ئىجتىمائىي ئالاقە، بىلىم، كۆڭۈل ئېچىش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جەھەتلەردە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى ھەمدە ياخشىلىدى» دېدى.

نۆۋەتتە، ئەقلىي يانفونلارنىڭ ئەپ ئارقىلىق تاماملايدىغان ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە كېڭەيدى. ساندىي شېن:«بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئەپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئابونتنىڭ تەلىپى ۋە ئارزۇسىنى پەرەز قىلالايدۇ، ھەر ۋاقىت ئابوتنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى توپلىيالايدۇ ھەمدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دېدى.

2017-يىلغا بارغاندا، يانفونلار ئىنسانلاردىن تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىدۇ، ئەمما بۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان ئەقلىي ئىقتىدارىنى چىقىش قىلمىغان، بۇلۇت تېرمىنالى ھەمدە بۇلۇت تېرمىنالىدا ساقلانغان شەخسىي ماتېرىيال بولغانلىقتىن، يانفون ئۇچۇر ئوقۇيالايدىغان ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، شۇڭا قارىماققا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرۈنىدۇ. ساندىي شېن:«يانفون بىزنىڭ شەخسىي ياردەمچىمىزگە ئايلىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئالدىنقى شەرتى ئابونت يانفونغا ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى كېرەك» دېدى.

تەرجىمىدە: ئەكبەر

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز