تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەجداتلىرىمىزنىڭ چاچنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى

 

 

 

 ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى ۋە گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى ئىنتايىن چوڭ بىلىپ ئۇلۇغلاپ كەلگەن. قىز- ئايللىرىمىزدا چاچلىرىنى تارىغان چاغدا چۈشكەن چاچلارنى بۈك- باراخسان، ئېگىز ئۆسكەن دەل- دەرەخلەرنىڭ ئاستىغان كۆمىدىغان ئادەت بار. ئۇلار بۇ ئارقىلىق چاچلىرىنىڭ ئاشۇ دەرەخ شاخلىرىدەك بولۇپ، ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خەلقىمىزنىڭ يەنە ئۇزۇن، سۇمبۇل چاچلىرىنى دەريا- ئۆستەڭ بويىدىكى مەجنۇن تالغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەش- تەرىپلەش ئادىتىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېېيتقاندا بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۈمكىن. ئىز تورى بەك ياخشى

تارىختا ئەجداتلىرىمىز يەنە چاچنى ئۇلۇغلاپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئاخىرەتلىك بۇيۇم قىلىشقان. بۇ نۇقتىنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىلغان قەدىمكى قەبرىلەردىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. ئارخىئولوگلار قۇمۇل رايونىدىكى بۇنىڭدىن 3200 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۈپ بولغان <<قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىستانلىقى>> دىكى قەبرىلەرنى قازغاندا بەزى ئايال مېيىتلارنىڭ بېلىگىگىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆرۈمە چاچلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭدەك لوپنۇر رايونىدىكى بۇنىڭدىن ئىككى-ئۈچمىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە مەنسۈپ قەبرىلەردىكى ھەمدەپنە بويۇملار ئارىسىدىن نۇرغۇن ئۆرۈمە چاچ ۋە ياسالما ئۆرۈمە چاچلارنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قايچىلاپ ئېلىنغان چاچلار بىلەن ئەرۋاھلار روھىغا نەزىر- چىراغ قىلىش، چاچنى ھەم دەپنە بويۇمى قاتارىدا مىيىتنىڭ يېنىغا قويۇش ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئەجداتلىرىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل ئادەت ئىكەن.

copyright by www.iz.la

 

گەرچە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلقىمىز ھەر خىل دىن ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ چاچنى ئۇلۇغلاش ئادىتى تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ھېلىھەم ئارىمىزدا بوۋاقنىڭ قىرقى چېچىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۇنى ئاۋايلاپ تولۇق يىغىۋېلىپ شۇ چاچ بىلەن بوۋاقنى ئىسرىقلاش، يالغۇز ئەتىۋارلىق ئوغۇل بالىلارغا «نىياز چېچى>> قويۇش ئادەتلىرى مەۋجۇت. تىلىمىزدا بولسا <<چاچقا دەسسىسە يامان بولىدۇ، چاچنى كۆرگەنلا يەرگە تاشلىسا يامان بولىدۇ، چاچنى كەسسە يامان بولىدۇ، دېگەندەك ئىبارىلەرنى دائىم دېگۈدەك ئىشلىتىپ تۇرىمىز ۋە ئاڭلاپ تۇرىمىز.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

ئىسلاھات- ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ مەنىۋى تۇرمۇشىمىز كۇنسېرى بېيىدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقىمىز ئارىسىدا بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەرمۇ باش كۆتۈرۈپ، قارغۇلارچە مودا قوغلىشىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى، جۈملىدىن بۇ خىل خاھىش يۈرۈش- تۇرۇش، ياسىنىش جەھەتتە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا. بەزىلەرنىڭ سىياقىغا قارايدىغان بولساق دەماللىققە ئۇ كىشىنىڭ قايسى مىللەت، قايسى رايون خەلقلىرىنىڭ چاچ پاسونى ئىكەنلىكىنى زادىلا ئايرىۋالغلى بولمايدىغان ئاجايىپ- غارايىپ رەڭ پاسۇندىكى چاچلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. خەلقىمىز ئەزەلدىن سۆيۈپ- سۆيۈنۈپ كېلىۋاتقان قۇندۇزدەك قارا چاچلارنىڭ ئورنىنى بوۋايلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا زادى سىغمايدىغان، بالىلارنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان، ياشلارنى قايمۇقتۇرىدىغان ئالا- بۇلىماچ چاچلار ئىگىلەپ كەتتى. ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق بەزى قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ چېچىدا بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە رەڭ ياكى بولمىسا ھەپتىدە نەچچە خىل رەڭ ئايان بولىدۇ. كىچىكىمىزدە ئاتىلىرىمىز چاچلىرىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالدۇرۇپ، يارىشىملىق بۇرۇت قويۇپ دوپپا كىيىپ يۈرەتتى، ئانىلىرىمىز، ھەدىلىرىمىزنىڭ بولسا بىلىگىچە، گاھىلىرىنىڭ ئوشۇقلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆرۈم - ئۆرۈم چاچلىرى بار ئىدى. بۇنداق دېيىش ئارقىلىق خانىم- قىزلارنىڭ ھەممىسى چاچلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمەسمىز. بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋە ئائىلىدىكى بېسىمى ھەقىقەتەن ئېغىر، بەزىدە ئۇزۇن چاچلارنى ياساپ يۈرۈشكىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. بىراق خانىم- قىزلار چېچىنى بەك ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋالمىسىمۇ، ھېچ بولمىدى دېگەندە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا خاس سالاپىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

گەرچە زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەزى ئەنئەنە- ئادەتلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ياكى بەزىلىرىنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى مۇقەرەر بولسىمۇ، لېكىن قايسى خىل ئۆرپ- ئادەت قالىدۇ ياكى قايسى خىل ئۆرپ- ئادەت راۋاجلىنىپ بارىدۇ، دېگەن مەسىلىنى ئويلىنىش تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ھەممە مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ دەۋردە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى زۆرۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى يەنىلا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى بولماقتا. مەدەنىيىتىمىزدىكى ئۆزگىچە، ئىسىل تەرەپلەرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يولىنى تۇتساق، ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىنى ۋە مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايمىز. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ ۋە تاكاممۇللىشىپ بىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن بىر قىسىم ئەنئەنە- ئادەتلەر بىزنىڭ خاس مىللىي بەلگىمىزنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنى ساقلاپ قېلىش ۋە گۈللەندۈرۈش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ جۇلالىق سۇمبۇل چاچلىرى يوقالمىسا، بوۋايلارغا ئۈمىد- خوشاللىق، ياشلىرىمىزغا ئىشەنچ- ئىپتىخارلىق ئېلىپ كەلگەن، بالىلىرىمىزغا تەربىيە بولغان بولاتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز