يۈسۈپجان ئەھمىدى
شائىر، ئاخباراتچى يۈسۈپجان ئەھمىدى (1944 – 2012) ساۋەندە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ خىزمەت ھاياتى ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئاخباراتچىلىق بىلەن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ‹‹خەسىس ئىلھام››، ‹‹چۇقان سال، ئەي بىپايان زېمىن›› قاتارلىق شېئىر، ئاخبارات ئەسەرلىرى توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.
1
دېڭىز بويى قۇمساڭغۇ ساھىل،
ئايىغىمدا دولقۇن چايقىلار.
ئوخشاپ كېتەر ئاق بۇژغۇنلارغا
سۇ بېغىرلاپ ئۇچقان چايكىلار.
ئاق بۇژغۇنلۇق پايانسىز دېڭىز
ئاق چېچەكلىك باغنى ئەسلىتەر.
توسۇن دولقۇن كۈمۈش يايلىلىق
يىلقا تولغان تاغنى ئەسلىتەر.
2
دولقۇنلارغا تويماي قارايمەن،
ھەر قارىسام ئۆزگىچە بىر ھال.
شايى ياغلىق سىلكىپ چاقىرار
زەڭگەر كوڭلەك بىر ساھىبجامال.
مەپتۇن قىلار مېنى ئۆزىگە
رەققاسلارغا تولغان بىر دۇنيا.
قانداق نەپىس دېڭىز ئۇسسۇلى،
ئۇندا شاۋقۇن مۇزىكانت گويا.
قارا، ئەنە ئۆتەر پاراتتىن،
غالىب قوشۇن قەيسەر، پىداكار.
پاكلىق ئۈچۈن يارالغان ئۇلار،
يۈرۈشلەردە ھارمايدۇ زىنھار.
1983 – يىل، ماي، چىڭداۋ – شاڭخەي