مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟
مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قارشى تەرەپنى بار ئامالى بىلەن خوشال قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزھال قىلىش ناھايىتى رومانتىك بىر ئىش. مانا كىشىلەردىكى مۇشۇ خىل پىسخىكا سەۋەپلىك يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا مىقياسىدا مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار ئۈچۈن تەييارلانغان تۈرلۈك ئىستىمال بويۇملىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى، مەيلى غەرپلىكلەرنىڭ ئاشىق-مەشۇشلار بايرىمىدا بولسا ياكى باشقا تۈرلۈك بايرام، خاتىرە كۈنلىرىدە بولسۇن، سودىگەرلەر بار ئامالى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارنىڭ پورتمالىدىكى پۇلنى چۆنتىكىگە سالماقتا. بەلكىم سىزمۇ مۇھەببەتلىشۋاتقاندا مۇشۇنداق مۇھەببەت ئىستىمالىغا يولۇققان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا ھازىر ياشلار مۇھەببەتلەشكەندە قانچە پۇل خەجلەيدۇ؟ بۇ پۇل ئۇلارغا قانچىلىك بسىىم ئېلىپ كىلىدۇ؟ مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا قانداق ئىستىمال قارىشى تۇرغۇزۇش كىرەك؟ قېنى ئالدى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىش چىقىمىغا قاراپ باقايلى:
نۇرغۇن كىشىلەر لايىق تاللىغاندا بەزى «قاتتىق ئۆلچەملەر»نى ئىشلىتىدۇ، مەسىلەن قارشى تەرەپنىڭ كىرىم ئەھۋالى، ئۆي، ماشىنا، ئوقۇش تارىخى، يېشى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. يېقىندا، بىر لايىق تونۇشتۇرۇش تور بىكىتى دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتى بىلەن بىرلىشىپ «2012 ۋە 2013-يىللىق جۇڭگو ئەر-ئاياللىرىنىڭ نىكاھ-مۇھەببەت قارىشى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى 77045 ئادەم تەكشۈرۈلگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، لايىقىنىڭ قانچىلىك كىرىمى بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، 90-،80-،70-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان قىزلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەلىپى 5000 يۈەن ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، چۇڭچىڭلىق قىزلارنىڭ لايىقىنىڭ كىرىمىگە قويغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپى: 90-يىلىدىن كىيىن توغۇلغانلارنىڭ 4842 يۈەن، 80-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ 5705يۈەن، 70-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ بولسا 6451 يۈەن بولغان.
ئۇنداقتا قايسى شەھەردە مۇھەببەتلەشكەندە ئەڭ كۆپ پۇل كىتىدۇ؟ بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن قارىغاندا، جىڭجۇنىڭ مۇھەببەتلىشىش «ئەڭ تۆۋەن چىقىمى» گۇاڭجۇدىن ئېشىپ بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن، خاڭجۇ قاتارلىق ئالدىنقى شەھەرلەرگە يېتىشىپ قالغان.
بۇ يەردە دېيىلگەن «مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن چىقىمى» نۆۋەتتە جەمئىيەتتە كەڭ تارالغان لايىق تاللاش ئۆلچىمىنى كۆرسىتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىگە نىسبەتەن، 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بويتاق قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكى مۇھەببەتلىشىش «ئەڭ تۆۋەن چىقىمى»: شاڭخەيدە (9964 يۈەن)، شېنجېندا (8437 يۈەن)، بېيجىڭدا (8149 يۈەن)، خاڭجۇدا (7828 يۈەن) بولغان، «دوكلات»تا تىلغا ئىلىنغان «كۆڭۈلدىكىدەك لايىق»نىڭ ئەڭ تۆۋەن كىرىمگە نىسبەتەن، خاربىندىكى 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان قىزلارنىڭ تەلىپى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، لايىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 3712 يۈەن كىرىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. فۇجۇدىكى 70-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان قىزلارنىڭ تەلىپى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يىگىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كىرىمى 9290يۈەن بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەمدى نەنجىڭلىق قىزلارغا قارايدىغان بولساق، 90–يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان قىزلارنىڭ لايىقىغا قويغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 5489 يۈەن، 80–يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان قىزلارنىڭ ا 5872 يۈەن، 70–يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان قىزلارنىڭ بولسا 7299 يۈەن بولغان، دېمەك يېشى چوڭراق قىزلارنىڭ لايىقىنىڭ كىرىمىگە قويغان تەلىپىمۇ يۇقىرىراق بولغان.
«دوكلات»تا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، جىڭجۇدا 80–يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بويتاق قىزلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىكى «ئەڭ تۆۋەن چىقىم»غا قويغان تەلىپى شاڭخەينىڭ (9964 يۈەن)، شېنجېننىڭ (8437 يۈەن)، بېيجىڭنىڭ (8149 يۈەن)، خاڭجۇنىڭ (7828 يۈەن)دىن قالسىلا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ھەتتا گۇاڭجۇ، دوڭۋەن قاتارلىق جەنۇبتىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىن ئېشىپ كەتكەن. دېمەك جىڭجودا مۇھەببەتلىشىشنىڭ چىقىمى نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان رايونلاردىن ئېشىپ، دوكلاتتىكى ئالاھىدە بىر ئەھۋال بولۇپ گەۋدىلەنگەن.
ئەمدى باشقا ئۆلكىلەرگە قاراپ باقساق، 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان خېنەنلىك بويتاق قىزلارنىڭمۇ لايىقىغا قويغان تەلىپى تۆۋەن ئەمەسكەن، ئۇلار يىگىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق كىرىمىنىڭ 3678 يۈەن بولۇش ئۈمىد قىلىدىكەن.
مۇھەببەتلىشىش چىقىمىنى ئىقتىسادقا بىرلەشتۈرۈش تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بويتاق يىگىتلەر ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىغا قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس، يەنى ئۇلار ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىغا%2 ئەتراپىدا تۆھپە قوشىۋاتىدۇ.
ئىستانسىمىزنىڭ ئىقتىساد ئاۋازى پىروگراممىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئونۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋېي شاڭجىن يالغۇ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بويتاق يىگىتلەر جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۆرلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئىككى پىرسەنتتىن ئارتۇق دەپ ھېسابلىغان. ۋېي پىروفېسسورنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئاساسلىقى يەنىلا جۇڭگودىكى قىز-ئوغۇل نىسبىتىنىڭ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىشىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلغانلىقىدىن ئىكەن. شۇڭا ۋېي پىروفېسسور مۇنداق ھۆكۈم چىقارغان: بىر بويتاق يىگىت توي قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ماشىنا ۋە ئۆي توينىڭ زۆرۈر شەرتلىرىگە ئايلانغان. بۇخىل يۈزلىنىش يىگىتلەرنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، پۇل تېپىپ، ئۆيىنى بېقىشقا ئۈندەيدۇ. ۋېي پىروفېسسورنىڭ ھېسابلىغان نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرىكى ئون يىل ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %10 ئەتراپىدا ئۆرلىگەن، ئەمما جىنس تەڭپۇڭسىزلىقى ھەر يىلى ئىقتىسادقا 2 پىرسەنت تۆھپە قوشقان، باھا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا بۇ 8تىرىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى بويتاق يىگىتلەرنىڭ تۆھپىسى ئىكەن. جۇڭگودا، بىز بۇنى« بويتاق يىگىتلەر ئىقتىسادى» دەپ ئاتايمىز. يەنە بەزى كىشىلەر «قېينىئانا ئىقتىسادى»دەپمۇ ئاتايدۇ، گەرچە بۇلارنىڭ سۇبيېكتى ئوخشىمىسىمۇ، بىراق ئېلىپ كىلىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش. ماددىي ئېھتىياج كۈنسىرى ئېشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋىردە، رىئال تۇرمۇش ئالدىدا ساپ مۇھەببەتنىڭ باش ئەگكەنلىك ھېكايىلىرىنى تولا ئاڭلاپ تۇرىمىز. كىشىلەر بۇنداق ئىشلارغا ئېچىنماستىن ئادەتتىكى ئىش دەپ قارايدىغان بولدى. ھەتتا نۇرغۇن بويتاق قىز-ئوغۇللارنىڭ لايىق تاللىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىپى ماشىنا، ئۆي بولۇپ قالدى. بۇ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ بارغانسىرى ماددى نەرسىلەرگە ئىغىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ھازىرقىدەك پۇل، مال-دۇنيا ساپ مۇھەببەتنى گۆرۈگە ئالغان دەۋىردە، يەنە كىملەر «ھايات قىممەت، مۇھەببەت ئەڭ ئۇلۇغ!» دەپ جار سالالايدۇ؟ بۇ سوئالغا مېنىڭچە ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا جاۋابى بولۇشى مۇمكىن، مەيلى جاۋاپ قانداق بولسۇن، ئارىمىزدا يەنىلا مۇھەببەتكە ئىشىنىدىغانلار ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلار بار ئەلۋەتتە.