8-ئايداiPhone 5S ۋە تۆۋەن باھالىق iPhone سېتىلماقچى
ئالما 8-ئايدا iPhone 5S ۋە تۆۋەن باھالىق iPhone بازارغا سالىدىكەن
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ئالما شىركىتى بۇيىل8-ئايدا بىر نەچچە خىل iPhone بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان،دىيىلدى.
مەبلەغ سېلىش شىركىتى باكلېرنىڭ تەھلىلچىسى ، ئالما بۇيىل 8-ئايدا iPhone 5S ۋە تۆۋەن باھالىق iPhone بازارغا سېلىشنى پىلانلىدى . تۆۋەن باھالىق iPhoneنى فۇشىكاڭ ۋاكالىتەن ياسايدۇ ، 4.5دىيۇملۇق ئىكران سەپلىنىدۇ ، قېپىغا بىرىكمە ماتىرىيال ئىشلىتىلىدۇ ؛ iPhone 5Sنىڭ لايھىسى ھازىرقى iPhone 5بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بۇلىدۇ ، ئەمما كۆپ خىل رەڭلىك بۇلۇپ ، باشقا تەرەپلىرىدىمۇ ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ ، دىدى .
ياپۇنىيە مىكروبىلوگ تورىنىڭ دوكلاتىدا دىيىلشىچە ، ئالمىنىڭ تۆۋەن باھالىق مەھسۇلاتىنى تارقىتىش ۋاقتى2014-يىلىغا سۈرۈلگەن بۇلۇپ ، باھاسى330 دوللار بۇلىدىكەن .
ئالمىنىڭ تۆۋەن باھالىق مەھسۇلات ئىشلشىگە قارىتا ، ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرىكتورى دىم كوك ئىلگىرى بۇنداق ئىش يوق ، دىگەن ئىدى . ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ:باشقا شىركەتلەر دائىم بىر قىسىم تۆۋەن باھالىق ئەمما تۆۋەن سۈپەتلىك ، تۆۋەن ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ ، ئەمما ئالما باشتىن-ئاخىرى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەھسۇلات ئىشلەيدۇ ، دىگەن .
بۇنىڭدىن سىرىت ، ئالمىنىڭ قارىشىچە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا كونا مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىشتىن ئىبارەت سىتىراتىگىيە خېلى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ، iPhone 5 ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ،4 iPhone نىڭ سېتلىشىدا يىتىشمەسلىك كۆرۈلدى. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا نۆۋەتتىكى 4iPhone نىڭ ئۆزى تۆۋەن باھالىق iPhone .گەرچە كۇك ئېنىق ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئوخشاش ساھەدىكىلەر يەنىلا گۇمانىي قاراشتا بولدى ، ھەمدە بۇنى كۇكنىڭ «ئس-تۈتەك بومبىسى» دەپ قارىدى