ئالتە بارماقلىق پەرىشتە
چېركاۋغا رەسسىم سىزىپ بېرىدىغان رەسسام پەرىشتىنى ئالتە بارماقلىق قىلىپ سىزىپ قويۇپتۇ .
__ سەن قاچان ئالتە بارماقلىق پەرىشتىنى كۆرۈپ باققان ؟ __ دەپتۇ پوپ ئىنتايىن ئاچچىقلانغان ھالدا ؛
__ كۆرۈپ باقمىغان ، __ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ رەسسام ، __ لېكىن سىز بەش بارماقلىق پەرىشتىنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟
تاماكا چېكىش
__ مەن كىچىك ۋاختىمدا دائىم ئاتا - ئانامنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئوغۇرلۇقچە تاماكا چېكىشكە مەجبۇر بوللاتتىم -دەپتۇ تۆت بالىلىق بولغان بىرەيلەن ،-مانا ھازىرمۇ بالىلىرىمنىڭ مېنى دوراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بالىلىرىمدىن ئوغۇرلۇقچە چېكىشكە مەجبۇر بولىۋاتىمەن .
ئوغۇل بالىچىلىق
بىرجۈپ ئەر- خوتۇن بالىسىنى يېتىلەپ قەھۋە خانىغا كىرىپتۇ. ئىككى رومكا بىراندق كەلتۈرۈڭ ،-دەپتۇ دادىسى كۈتكۈچىگە .
-سىز ئاپامنىڭ ئىچمەيدىغانلىقىغا جەزىم قىلالامسىز ؟ -دەپتۇ بالىسى خاتىرجەمسىز لىنىپ .