جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىگە دورا ئىشلىتىش ئىلمىيلىققا مۇھتاج
ئەخلاق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جىنسىيەت ئىزچىل ھالدا جەمئىيىتىمىزدىكى يېپىق تېما بولۇپ كەلدى. لېكىن شۇنىڭغا ئىقرار بولماي تۇرالمايمىزكى، مەيلى ئەۋلات قالدۇرۇش ياكى مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە تۇرمۇشىدا بولسۇن، جىنسىيەت ئۇ بىر بۈيۈك مەۋجۈدىيەت. ھازىرقى زامان جىنىسيەت ئىلمىغا كەڭ مەنىدە ئېنىقلىما بەرگەندە، ئۇنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبېكتى پەقەت جىنسىيەت فىزىئولوگىيىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە، جىنسىيەت پىسخىكىسى، جىنسىيەت سوتسىئولوگىيىسى، جىنسىيەت ئېتىكىسى، مۇھەببەت، نىكاھ ۋە ئائىلە قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان، پەن ئاتلىغان كەڭ دائىرىدىكى ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن كىشىلەردە،يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ. گەرچە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەردە مەسىلىنى ئىلمىي يوسۇندا ھەل قىلىش ئىستىكى بار بولسىمۇ، لېكىن خىجىل بولۇش، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن، مازاق قىلىشىدىن، مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلارغا بارالمايۋاتقانلار يەنىلا ناھايىتى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيادىكى MALES تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، مەملىكىتىمىزدە قايىم بولۇش ئىقتىدارىدا مەسىلە بار ئەرلەرنىڭ نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش نىسبىتى ئاران %17 بولغان، ياپونىيە، مالايسىيا، كورىيە ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ داۋالىنىش نىسبىتى %30 دىن يۇقىرى بولغان. گەرچە ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە بۇ ھەقتە مەخسۇس ستاتىستىكا تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرخانىمىزنىڭ 19يىللىق كېلىنىكىلىق ئەمەلىيتى بۇ نوقتىنى تامامەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا بىز كېسەللىك ھەققىدە نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلارغا كۆرىنىشنى ئالدىن تاللاش قىلىمىز، ھەتتا مۇتەخەسىسلەر كۆرۈپ قويسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىگە قارىتا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاددىي ھەم يوشۇرۇن شارائىتتا مەسىلە ھەل قىلىنسىكەن دىگەن ئۈمىدتە بولىمىز. بۇ خىل ئەھۋال دەل جەمئىيىتىمىزدىكى خىلمۇ–خىل، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان «ئەرلىك ئىقتىدار كۈچەيتكۈچى دورا» لىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. رادىئو– تېلىۋىزىيە، گېزىت - ژورنال، ئىنتېرنېت ۋە ئۈندىدارلاردا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان، دورىخانىلاردا خالىغانچە سېتىلىۋاتقان ئاتالمىش «دورا» لار، جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاددىي ئۇسۇلدا ياخشىلاش ئارزۇسىدىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «دورا» لارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دورا بولماستىن، بەلكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ياكى يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان ئۆلچەمدە، تەركىبى چوقۇم تەبىئىي يېشىل ماتىرىياللار بولۇشى، ھېچقانداق خىمىيىلىك تەركىب قوشۇلمىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاساسلىقى ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ۋە ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك پايدىسى بولىدۇ، چوقۇم ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىنىشى كېرەك. ھازىر جەمىيىتمىزدە مودا بولىۋاتقان مەيلى چەتئەلنىڭ بولسۇن، ياكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بولسۇن، ۋەياكى ئۇيغۇر تىبابەت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بولسۇن، ھېچقاندىقى كلىنېكىلىق تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن دورا ئەمەس. دورا بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يىمەكلىكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەتنىڭ تەستىق ئۆلچىمىدە ئىنتايىن چوڭ پەرق بولىدۇ. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەنى بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بەلگىلىك ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جىنسىي ئىقتىداردا ياخشىلىنىش كۆرۈلسە، ئىككى خىل ئەھۋالدىن ئويلىشىشقا بولىدۇ. بىرى، ئىستىمال قىلغان كىشىدىكى جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسى ئەڭ يېنىك دەرىجىدىكى پىسخىكا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان، «دورا يىدىم» دەيدىغان روھى تەسەللىنىڭ تۈرتكىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىگە قارىتا نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلاردا قوللىنىلىدىغىنى پەقەت جىنسىيەت پىسخىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلىش بولۇپ، ھىچقانداق دورا ئىشلىتىش ھاجەتسىز. يەنە بىرخىل ئەھۋالدا بولسا، ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قانۇنسىز ھالدا خىمىيىلىك تەركىب قوشۇلغانلىقتىن گۇمان قىلىنىدۇ. بۇ خىل تەركىبى گۇمانلىق مەھسۇلاتلار ئىستىمالچىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىشى مۇمكىن.
دۆلىتىمىزدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساغلاملىق بويۇملىرى بازىرىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدىرىجى كۈچەيتىلىۋاتىدۇ، رادىئو–تېلىۋىزىيەلەردە بۇ ھەقتىكى ئېلانلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازلىشىشى بۇنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئىنتېرنېت ۋە يېڭىدىن ئەۋج ئالغان ئۈندىدار قاتارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆپتۈرمە قىلىپ تەشۋىق قىلىدىغان ۋە ساتىدىغان يېڭى ۋاستىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇھتاج كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىدۇ .
جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا دورا ئىشلىتىش پەقەت نۇرغۇن داۋالاش تۈرلىرىنىڭ بىر قىسمى خالاس. بىر قىسىم جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىگە ھىچقانداق دورا قىلماستىن جىنسىيەت پىسخىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ؛ بىر قىسىملىرىغا نوقۇل ھالدىكى دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق يېتەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولماسلىقى مۇمكىن، چوقۇم باشقا داۋالاش تۈرلىرىنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولىشى مۇمكىن؛ يەنە بىر قىسىملىرىغا بولسا دورىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى يوق، ئوپىراتسىيە قاتارلىق ۋاستىلەر قوللىنىلىشى مۇمكىن. دىمەك، جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى نېگىزلىك مەسىلە ھەر بىر كىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن خاسلىققا ئىگە بولغان داۋالاش لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشتۇر. قارىغۇلارچە دورا ئىشلىتىش ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس.
ھازىر خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن زەكەرنىڭ قايىم بولۇشىغا پايدىلىق ئۈچ خىل دورا بار :
1. تۇنجى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن، 1998-يىلى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ۋىئاگرا . (伟哥) بىر تېلى 100مىللىگىرام، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن 1 سائەت بۇرۇن ئىچىلىدۇ ، ئىزچىل تەسىر قىلىش ۋاقتى 4 سائەت ئەتراپىدا .
2. 2003 -يىلى گىرمانىيىدە ئىشلەنگەن ۋاردىنافىل((艾力达. بىر تېلى 20مىللىگىرام، مۇناسىۋەتتىن 1 سائەت بۇرۇن ئىچىلىدۇ، ئىزچىل تەسىر قىلىش ۋاقتى 5 سائەت ئەتراپىدا .
3. 2003-يىلى تەستىقلانغان ئامېرىكا لىللىي شىركىتىنىڭ تادالافىن
(希爱力). بىر تېلى 20مىللىگىرام، مۇناسىۋەتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىچىلىدۇ ، ئىزچىل تەسىر قىلىش ۋاقتى 36 سائەت ئەتراپىدا. يېقىنقى يىللاردا بۇ خىل دورىنىڭ 5 مىللىگىراملىق تۈرى مەيدانغا كېلىپ ، كۈندە بىر تالدىن ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق زەكەر قان تومۇرلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ۋە بۇ ئارقىلىق ئېھتىياج ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇزۇق مەزگىللىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى .
چەتئەللەردە بۇ خىل دورىلارغا دوختۇرنىڭ رىتسىپى بويىچە ئىشلىتىدىغان دورا تۈرى دەپ چەكلىمە قويۇلغان. لېكىن ھازىر دۆلىتىمىزدە بۇ چەكلىمە يوق، ۋىئاگرا دوختۇرنىڭ رىتسىپىسىز ئالغىلى بولىدىغان دورا سۈپىتىدە 2004-يىلى دورا بازىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئىستىمالچىلار دورىخانىلاردىن خالىغانچە سېتىۋالالايدىغان بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تۈردىكى ساختا دورىلارنىڭمۇ بازارغا ئېقىپ كىرىشىگە يوچۇق ئېچىپ قويۇلغان. دوختۇرلۇق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زەكەرنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ خىلدىكى دورىلارغا ئېھتىياج چۈشكەندە، دوختۇر بىلەن ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئېھتىياج ۋە دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق دورا تۈرى ۋە مىقدارىنى تەڭشەپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك داۋالاشمۇ باشقا ئورگانىزىم كېسەللىكلىرىگە ئوخشاشلا ئىلمىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشقا مۇھتاج !