شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
ھازىر جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ توي قىلىش يېشىغا يەتكەن ئوغۇل قىزلار ئارىسىدا تويدىن ئىلگىرى بىللە بولۇپ، بىر-بىرىنى سىنايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. ئۇلار بۇنى تويدىن كېيىنكى نىكاھنىڭ مۇستەھكەم بولىشىغا پايدىلىق دەپ قارىماقتا، بۇ پەقەت بىر تەرەپلىمە قاراش. ئوغۇل قىزلار بىر-بىرىنى بەك چۈشىنىپ كەتسىمۇ، تويدىن كېيىنكى نىكاھنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ناتايىن. شۇڭا قىزلار تويدىن ئىلگىرى ئاسان سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ، كېيىنكى پۇشايمان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
1. يىگىتى بىلەن تويدىن ئىلگىرى بىللە تۇرماسلىقى كېرەك. جەمئىيەتنىڭ تويدىن ئىلگىرى بىللە تۇرۇشقا يول قويۇش پوزىتسىيەسى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئوغۇللارنىڭ تويدىن ئىلگىرى بىر قانچە قىز بىلەن بىللە تۇرۇشى، ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانچە چوڭ ئىش ھېسابلانمايدۇ. بىراق قىزلارغا نىسبەتەن بۇ چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. قىزلار تويدىن ئىلگىرى بىللە تۇرغان يىگىتى بىلەن ئايرىلىپ كەتسە، جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە ھەممە ئادەم ئۇلارنىڭ بىللە تۇرغانلىقىنى بىلىپ كەتكەچكە، كېيىنكى بەختكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا قىزلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.
2. تويدىن ئىلگىرى ئوغۇلنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن بىللە تۇرماسلىق كېرەك. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئىدىيەسى بىرقەدەر ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يىگىت -قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تويدىن ئىلگىرى بىللە تۇرۇشقا بولغان قارىشىدا پەرق بولىدۇ، قىزنىڭ ئاتا ئانىسى تويدىن ئىلگىرىكى بىللە تۇرۇشقا بىرقەدەر قارشى تۇرىدۇ.
بىراق ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ «زىيان تارتمايدىغانلىقىنى» ئويلىغاچقا، بۇنىڭغا ئانچە قارشى تۇرۇپ كەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار تېخى توي قىلمىغان قىزنىڭ ئوغۇلنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ چىقىشنى خالاپ كەتمەيدۇ، بۇنداق قىزلارنىڭ كېيىنچە قېينئاتا، قېينئانىسىنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتى ۋە ئەتىۋارى بولماسلىقى مۇمكىن.
3. بىللە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتمەسلىكى كېرەك. تويدىن ئىلگىرى بىللە تۇرۇش ۋاقىتنىڭ قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇقىم ئۆلچەم يوق، ئەمما بىللە تۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا، قىز تەرەپكە شۇنچە پايدىسىز بولىدۇ. قىزلار ئوغۇللاردىن بالدۇر يېتىلىدۇ ھەمدە بالدۇر قېرىيدۇ، شۇڭا قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنلۇق نىكاھلانغىنى ئەڭ ياخشى تاللىشىدۇر.
4. ئىقتىسادىي بەدىلى كۆپ بولماسلىقى كېرەك. تويدىن ئىلگىرى بىللە تۇرۇشنىڭ نىكاھلىنىپ ئۆي تۇتۇشدىن چوڭ پەرقى بولمايدۇ. بىر ئۆيدە تۇرغانىكەن، شۇ ئۆينىڭ چىقىمىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ناۋادا قىز تەرەپنىڭ ئىقتىسادى بەدىلى ئېغىر بولسا، بۇ سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدىغان جېدەلدىن ساقلانغىلى بولمايدۇش شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىقتىسادنى ئوغۇل قىز تەڭ نىسبەتتە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
5. پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن توي قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. قىسمەن ئوغۇل قىزلار قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشىغا يېتىشتىن ئاۋۋال بىللە تۇرغان ئەھۋال بولغاچقا ئۇلار بالدۇر پەرزەنتلىك بولۇشتىن خالىي بولالمايدۇ، قىزلارنىڭ بالدۇر پەرزەنتلىك بولۇپ ئاندىن توي قىلىشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ، تويدىن ئىلگىرى بىللە تۇرۇش جەريانىدا پەرزەنتلىك بولماسلىق قىزلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى ئەڭ تۆۋەن چېكىدۇر، بالىنى باھانە قىلىپ ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئەخمىقانىلىقدۇر.