«ئەگەر»دىن ۋاز كېچىڭ
تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ دائىم «ئەگەر» سۆزىنى ئىشلىتىپ، شارائىتىنى تەسۋىرلىشنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. «ئەگەر ئەينى چاغدا مەن بۇ كەسىپنى تاللىمىغان بولسام ئاللىقاچان بېيىپ كېتەتتىم»، «ئەگەر مەن ئەينى چاغدا ئۆي زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بولسام بالدۇرلا مىليونېرغا ئايلىناتتىم»،« ئەگەر مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىم بولغان بولسا ھازىرغىچە دوختۇر، ئالىم بولۇپ...»، «ئەگەر» سۆزى ھازىرقى تۇرمۇش ۋە كەسىپتىن قانائەت ھېس قىلمايۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن روھلاندۇرۇش دورىسىغا ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا ئامان تاپقۇزىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا «ئەگەر» سۆزىگە ئاشىق بولۇپ قالغانلار ئاز ئەمەس. بىر مەشھۇر كىشى ئۆزىنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئويدۇرغانىكەن:« ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا، دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مەشھۇر شەخسلەرگە ئايلانغان بولاتتى».
مۇنداق بىر ھېكايە بار: بىر ئوغۇل بالا ئۆزىنىڭ بىردىنبىر تەڭگىسىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن يىغلاپ ئولتۇرغانىكەن، ئاقكۆڭۈل بىر كىشى ئۇنىڭغا:« بالام يىغلىما، مەن ساڭا بىر تەڭگە بېرەي» دەپ ئۇنىڭ قولىغا بىر تەڭگىنى تۇتقۇزۇپتۇ. بالا تەڭگىنى ئالغاندىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ. ئاق كۆڭۈل كىشى ئەجەبلىنىپ: «نېمىشقا يەنە يىغلاۋېرىسەن؟»دەپ سورىغانىكەن، ئۇ بالا:«ئەگەر مېنىڭ ھېلىقى بىر تەڭگەم سۇغا چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا، ھازىر 2تەڭگە بولغان بولاتتى» دەپتۇ.
ئۆمۈر-ئاتقان ئوق، يوقاتقان ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادا «ئەگەر» سۆزىنى ئىشلىتىشكە ئامراق كىشلەر قانچىلىك كۆپ بولسىمۇ، «ئەگەر» پەقەت گۈزەل چۈشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىز رېئاللىققا ئايلىنالمايدۇ.
«ئەگەر» بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزگە پۇشايمان، چۈشكۈنلۈك ۋە ئەپسۇسلۇق ئېلىپ كېلىدۇ؛ «ئەگەر» بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزنى يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىڭىزدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ؛ «ئەگەر» بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزنى خىيال دۇنياسىغا چۆكتۈرۈپ، رېئاللىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ؛
«ئەگەر»دىن ۋاز كېچىڭ، ھازىرنى قەدىرلەڭ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ!