قىز قەلبىنى قەدىرلەڭلار يىگىتلەر ،
چۈنكى قىزلار نازۇك بولۇپ يارالغان.
نازۇك ھېسلار قاينىمىغا بېرىلىپ ،
كۆڭۈلچەكلىك پاك قەلبىگە تارالغان.
قىز قەلبىنى قەدىرلەڭلار يىگىتلەر،
شەھلا كۆزدىن ئاققۇزماڭلار ئۈنچە-ياش.
پاك سۆيگۇنى قەدىرلىمەي خارلىغان،
ئاراڭلاردا بارمۇ شۇنداق باغرى تاش.
قىز قەلبىنى قەدىرلەڭلار يىگىتلەر،
ئەقىدىگە سادىق ئۇلار يۈرىگى.
چىن ۋاپانى تەبىئەتتىن ئىزدىمەڭ ،
قىز كۆڭلىدۇر شۇ ۋاپانىڭ تۈۋرۈكى.
قىز قەلبىنى قەدىرلەڭلار يىگىتلەر،
ئۇمۇھەببەت، ساداقەتكە يارالغان .
ئۇنىڭ مۇڭلۇق تۈمەن-تۈمەن چۆچىگى،
كائىناتنىڭ چەت-چىتىگە تارالغان.
قىز قەلبىنى قەدىرلەڭلار يىگىتلەر،
ئۇنى گويا پەرىشتە دەپ بىلىڭلار.
يىغىسىدىن دەريا ھاسىل بولارمىش،
مېھنىتىنى دىلىڭلارغا سىلىڭلار.