ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم
قىزىل، قارا، كۆك رەڭلىك سىياھ ياكى ماي قەلەم سىياھلىرى ھەر خىل بوياقلاردىن تەييارلىنىدۇ. ئۇلاردىن پەيدا بولغان داغنى چىقىرىۋېتىشتە %2 لىك مەرگانسۇپ (كالىي پېرمانگانات) ئېرىتمىسى بىلەن رەڭسىزلەندۈرۈپ، ئاندىن پاكىز سۇدا چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ. چۈنكى، مەرگانسۇپ ئېرىتمىسى بۇ خىل بوياقلارنى ئوكسىدلاپ رەڭسىزلەندۈرۈۋېتەلەيدۇ. ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئاۋۋال بۇ خىل ئېرىتمىنى داغ بار ئورۇنغا تېمىتىپ، ئاندىن ئۈستىگە بىر قانچە تامچە %3لىك ھىدروگېن پېروكسىد ئېرىتمىسى تېمىتىپ، يۇيۇۋەتسەك سىياھ دېغىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلەيمىز.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇسۇلدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ:
1. قىزىل سىياھ دېغىنى ئاۋۋال كىر سوپۇندا يۇيۇپ، ئاندىن %10 ~ %20 لىك ئىسپىرت ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ.
2. كۆك سىياھ دېغىنى ئاۋۋال %2 لىك چۆپ كىسلاتاسى بىلەن سۈرتۈپ، ئاندىن ۋىتامىن C تابلېتكىسىدىن بىر تالنى ئېزىپ نەمدەلگەن داغ ئىزى بار ئورۇنغا قويۇپ، ئۇۋىلاپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. ئاق رەڭلىك رەختلەردىكى قىزىل سىياھ دېغىنى %10 لىك ئاممىياك سۈيى بىلەن ئىشقار ئېرىتمىسى ياكى %10 لىك لىمون كىسلاتا ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ.
3. ماي قەلەم دېغىنى ئاۋۋال سوپۇن سۈيىدە يۇيۇپ، ئاندىن %95 لىك ئىسپىرت ياكى بېنزول ۋە ياكى ئاتسېتون ئېرىتمىسى سۈرتۈپ يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
4 . قارا سىياھ دېغىنى ئاۋۋال نەمدەپ، ئاندىن گۈرۈچ تالقىنى، بەرەڭگە ۋە كىر سوپۇندىن تەييارلانغان يىلىمسىمان ئارىلاشمىنى داغ بار ئورۇنغا سۈركەپ، ئۇۋىلاپ يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. ئەگەر يەنە داغ چىقمىسا %10 لىك چۆپ كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى ياكى تارتىرات كىسلاتا ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆرۈك مېغىزى ۋە خام تۇخۇمنى مۇئەييەن نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، ئاندىن داغ بار ئورۇنغا سۈركەپ ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇدا چايقاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/15/content_509398.htm