تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئىپپىتىنى ساتقان قىز - (ئىبرەتلىك ھىكايە)

بۇ شەھەرگە كېلىپ دۇكان ئاچقىلىمۇ مانا ھەش پەش دىگۇچە بىريىل بولۇپ قاپتۇ. بۇگۇنمۇ ئادىتىم بويىنچە كەچتە، كومپىيوتېر ئالدىدا خەۋەر كورگەچ،تايىنى يوق شۇ بىر كۇنلۇك سودىدىن خاپا ئولتۇراتتىم. دۇكاننىڭ چىراقلىرنى ئۆچۇرمەي ئولتۇراتتىم. دەل شۇ چاغدا دۇكاننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ چىرايلىق بىر قىز كىرىپ كەلدى.

ياخشىمۇسىز؟>

سىزگە نىمە كېرەك؟

كۆرۇپ باقاي دىگەن....-

- ئۇنداق بولسا كۆرۇڭ.

بۇ قىز ماللارنى كۆرۇپ دۇكاننى ئايلاندى. مەن كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم، ئۇ دۇكاننى خېلى ئايلاندى، خېلى ئوتكەندىن كىيىن ، كومپيۇتېرڭىزدىن تېلفۇنۇمغا ناخشا قاچىلاپ بېرەمسىز؟... مەن سەل ھەيران بولۇپ - بولىدۇ دىدىم.

سىز قانداق ناخشىلارنى ياقتۇرسىز ؟ قانداق بولسا بولىۋېردۇ. مەن بىردەم ھەپلىشىپ ناخشىمۇ قاچىلاپ بولدۇم. ئۇ يەنە چىقىپ كەتمەي ئولتۇراتتى، مەن ئۇنىڭدىن يەنە باشقا ئىشىڭىز بامۇ دەپ سوردىم.

سىز مۇشۇ دۇكاندا ياتامسىز؟ دەپ سورىدى ئۇ قىز، ھەئە دېدىم مەن ،

مەن مۇشۇ يەردە يېتىپ قالسام بولامدۇ؟............ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم، نىمە ؟دەپ تۇرۇپلا قاپتىمەن .

ئۇ قىز پەدىشەپنى قايرىپلا ،بىر كېچە ھەمرا بولسام 150يۇەن دىدى. مەن ئۆز قۇلاقلىرىمغا ئشەنمەيلا قالدىم......... ئارىدىن سەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزۇمگە كەلدىم. بۇ قىز ھەقىقەتەن چىرايلىق ئدى . مەن تازا بىر سەپ سالغاچ ئاستىغىنە قېنى ئولتۇرۇڭ سىڭلىم ئۇسسۇزلۇق ئىچىڭ- دىدىم ۋە تولىمۇ مۇلايىملىق بىلەن مېنى كەچۇرۇڭ سىڭلىم، مەن بۇ يولدىكى ئادەم ئەمەس،مېنىڭ ئايالىم ۋە ئاللاھ بەرگەن بىر قىزىم بار. گەرچە ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى ھەقلىرنى ئۇنتۇغۇنۇم يوق. مەن بۇگۇن مۇشۇ ئازراق ھايۋانىي ھېسياتىمنى دەپ، مۇشۇ خاتا بولغان كوچىغا كىرسەم، قىزىمدىن ئايالىمدىن يېنىپ قېلىشدىن قورقىمەن. سىزنى سىڭلىم دەي ، بۇخاتا يولدىن يېنىڭ! سىزنىڭ قانداق بولۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالغىنىڭىزنى سورماي،بۇ يولدىن ھازىر قايىتسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. پۇل كېرەك بولسا ھالال ئىشلەڭ،ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، شۇندىلا سىز بۇھاياتنىڭ نەقەدەر گۇزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىمدا ئۇنىڭ خىجىل بولغىننى سەزدىم. تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا سىزنىڭ بۇ شەھەردىن ئەمەسلىكىڭىز چىىقىپ تۇردۇ. بارغۇدەك يېرىڭىزمۇ يوقتەك قىلىدۇ . بۇگۇن مېنىڭ قېشىمغا ئۇسسۇپلا كىردىڭىز،مەن سىزنى قوغلىماي مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭ ، بايا بىر كېچىلىكىڭىز 150يۇەن دىدىڭىز ، بولدى ، مەن سىزگە500يۇەن بېرەي، بۇگۇن سىز مېنىڭ بولدىڭىز ، مېنىڭ بولغانتىكىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايسىز؟! ئۇ قىز ئۇندىمەي تۇراتتى.

سىز مېنىڭ كارۋىتىمدا يېتىڭ، مەن مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئۇخلاي، مەڭ بۇ پۇلنى ئېلىڭ!!

ئۇ پۇلنى ئالماي بېشىنى ساڭگىلتىپ تۇراتتى . - كەچۇرۇڭ ئاكا مەن بۇ پۇلنى ئالالمايمەن ، مەن بۇگۇن پۇتۇن دۇنيانى ئالغاندەك بولدۇم. - ياق سىڭلىم بۇ پۇلنى ئېلىڭ ، بۇ پۇل سىزنىڭ ھەققىڭىز ، بىزنى كەچۇرۇڭلار سىڭلىم، بىز ئوغۇللار سىزلەرگە ئىگە بولغان بولساق ،سىزلەرنى قەدىرلىگەن بولساق ، سىلەرمۇ بۇ يولغا كىرىپ قاممىغا ن بولاتتىڭلار.

بۇنچىلىك قىلىش ھەربىر ئۇيغۇر ئەرلىرنىڭ قەرزى ھەم پەرزى. قىزنىڭ بۇلاقتەك كوزلىردىن ياش ئاقماقتا............................

مەن بۇ يەردە قىز بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا سۆزلىدىم ، دوستلار ئۇلارنى كەمسىتمەيلى! ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلايلى. ئۇلارنى مۇشۇ خاتا يولدىن قايتۇرالمىساقمۇ ، ئەمما ئۇلارغا بىر ئېغىز ھەق سۆزلەپ قويساق، تەربىيە بېرىپ قويساق، بۇ بىز ئۇچۇن غەلبە دەپ ئويلايمەن.

ھازىرقى جەمىيەتتە ھەرخىل كىشلەر ياشايدۇ ، ھەركىشلەرنىڭ تەپەككۇرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ ، لىكىن شۇ ھەرخىل كىشلەرگە ھەرخىل مۇھىت تەسىر قىلىدۇ،بۇنىڭ بىرىنجىسى ئائىلە، شۇڭا ھەربىر ياش ۋە ئاتا_ئانىلار بالىلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلسا ،بۇنىڭدىن كىيىن چوڭ بولىۋاتقان بالىلارغا ياخشى مۇھىت ئارقىلىق چوڭ قىلىپ يامان ئادەت يامان تەسىرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئالاھىدە توساپ ، كۆرگەن بىلگەن ھەرقانداق مۇھىتقا نىسبەتەن ئالاھىدە پوزىتسىيە تۇتساق بۇمۇ ھەل بولىدۇ ...


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز