تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالىي مەكتەپ دىپلومى ناھايىتى مۇھىم

«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» تور بېكەت نۇسخىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېل گەيتىس (Bill Gates) يېقىندا مائارىپتىن گۇمانلانغۇچىلارنىڭ «ئالىي مەكتەپنىڭ پايدىسى يوق» دېگەن نەزەرىيەسىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ دىپلومىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئۇ مۇنداق دېگەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ كىرىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا ئەمگەك بازىرىغا تېخنىكا ئېلىپ كېلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بىل گەيتىس (Bill Gates) مائارىپتىن گۇمانلانغۇچىلارنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ، سىتېۋ جوبس (Steve Jobs)، مارك زاكېربېرگ (Mark Zuckerberg)، ئوپىرا ۋىنفىرېي (Oprah Winfrey) گە ئوخشاش بىل گەيتىسمۇ مەكتەپتىن توختاپ ئىگىلىك تىكلىگەن. مائارىپتىن گۇمانلانغۇچىلار مۇنداق دېگەن: بىل گەيتىس ئالىي مەكتەپ دىپلومىغا ئېھتىياجلىق بولمىغىنىدەك، سىزمۇ بەلكىم ئالىي مەكتەپ دىپلومىغا ئېھتىياجلىق بولمايسىز.

لېكىن، بىل گەيتىس بىر پارچە يازما ئېلان قىلىپ، ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يەنىلا دىپلومغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«گەرچە مەن مەكتەپتىن توختاپ، تەلىيىم كېلىپ يۇمشاق دېتال ساھەسىگە كىرگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇنۋانغا ئېرىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇقىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى، يۇقىرى كىرىمگە ئېرىشىشى تېخىمۇ ئاسان، ھەتتا بەزى ئالامەتلەر شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ تۇرمۇشى دىپلومغا ئېرىشەلمىگەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. ئۇلار ئامېرىكا ئەمگەك بازىرىغا يېڭى تېخنىكا ئېلىپ كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ بولماسلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال.»


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز