بىر ئەر سىرتقا ئىشلىگىلى بارماقچى بولۇپ، ئوغلى ھەققىدە ئايالىغا: «مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش ۋاقتىغا دىققەت قىل، ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ھېزى بول»، دەپ جېكىلەپتۇ. ئەمما ئايالى ئېرىنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالمايدىكەن، ئېرى بالىسىغا تەربىيە قىلسا ئارىغا كىرىپ، ئاتىنى ئەيىبلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بالىنى پۇرسەتپەرەس، ئۆز بېشىمچى قىلىپ قويۇپتۇ. بالا ئاتىسى بولمىسا، ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ئۆزى بىلگەننى قىلىدىكەن. يېقىندا، مەكتەپتىن قويۇپ بەردى، دەپ توققۇز كۈن مەكتەپكىمۇ بارماپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئەر «بالىنى تۇققان بىلەن تەربىيەلەشنى بىلمىگەن خوتۇننى نېمە قىلىمەن»، دىپ ئاجرىشىشتا چىڭ تۇرىۋاپتۇ.
پىسخولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياشلىق مەزگىلى ياشلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزگىرىش بولىدىغان خەتەرلىك مەزگىل ئىكەن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ پىسخىكىلىق ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستابالىنى ياخشى يوللارغا باشلىشى كېرەك ئىكەن. ياشلىق مەزگىلىدىكى بالىلار فىزولوگىيە جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى چوڭ ئادەم چاغلاپ، ئاتا-ئانىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، مۇستەقىل ئىش قىلغۇسى، مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇسى كېلىدۇ، مۇۋەپپىقىيەت قازانسا خوشال بولۇپ، مەغلۇب بولسا ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىدۇ. شۇڭا ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان بالىلارنى ئاتا-ئانىلار خۇددى تەڭتۈشلىرىدەك كۆرۈشى، ئائىلىنىڭ بىر قىسىم ئىشلىرىغا قاتناشتۇرىشى، مەسلىھەت ئېلىشى، بىر قىسىم تەلەپلىرىنى رەت قىلماسلىقى، ئۇنى قوللىشى، ئۇنىڭ «چوڭ ئادەم» بولۇپ قالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىشى كېرەك. بۇ مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتكەندە بالىلار ئۆزىنىڭ تېخى ياش، پىشمىغانلىقىنى، يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ «ئۇلۇغلۇقى» نى، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىنىڭ ئۆزىگە ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. شۇڭا ئانىلار بالىلىرىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى، بالا تەربىيەلەش ھەققىدىكى كىتابلارنى كۆرۈشى، لېكسىيەلەرگە قاتنىشىشى، بالىلىرىنى توغرا يولغا باشلاپ، لاياقەتلىك تەربىيەلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/23/content_500932.htm