قاغىلىق ناھىيەسى يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بىرى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىپ، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن، يېزا، بازارلاردا 19مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت، مەھەللىلەردە 312مەدەنىيەت ئۆيى ۋە 317دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتىشقا ئەھمىيەت بەردى.بۇ ناھىيەدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 70مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۆز جايىدىكى كۇتۇپخانىلاردا ئۆزلىرى قىزىقىدىغان كىتابلارنى ئوقۇپ، مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
مۇخبىر 13-ئاۋغۇسىت چوپان يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى زۇلفىيە ئەھمەتنىيازنىڭ ئوراڭ كەنتىدىكى ياسىن چاۋارنىڭ دېھقانلار كۇتۇپخانىسىدا كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقنى كۆردى.ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن يازلىق تەتىلدە دوسىتلىرىم بىلەن بۇ كۇتۇپخانىدا كۈندە كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىلىمىنى يۇقىرى كۆتۈردۈم.مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن».