قاچان كۆردۈم ھېلقى باغنىڭ تۈۋىدە،
مەپتۇن بولدۈم شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە.
تاقەت قىلىپ تۇرالماستىن بىر مىنۇت،
تىكىلدىم مەن شۇ لېۋەننىڭ كۆزىگە.
بىر گېپىم بار ئاڭلامسەن يار سۆزۈمنى،
سەنمۇ قارا قاچۇرمىغىن كۆزۈڭنى.
ئاشىق بولۇپ ئۆتەيلى بىز مۇشۇنداق.
سۆيىۋالاي قاچۇرمىغىن لېۋىڭىنى.
ئاستا كەلدىم ئۇ قىزچاقنىڭ يېنىغا،
قول ئۇزاتتىم ئۇ لېۋەننىڭ قۇلىغا.
ئۇ قىزچاقمۇ ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ،
قول بەردىغۇ دوستلىشىشقا قولۇمغا.
توۋا دەيمەن شۇندىن بېرى كۆرمىدىم،
بۇ ئازاپقا چىدىدىممەن ئۆلمىدىم.
شۇنچە شىرىن ئازاپ بىلەن كۆيدۈرۈپ،
باغ تۈۋىگە زادى نىچۈن كەلمىدىڭ.
ئۈمۈد بىلەن يەنە كەلدىم بۇ باغقا،
تاغدا بولساڭ چىقار ئىدىم شۇ تاغقا.
توۋا دەيمەن ئىسمىڭنىمۇ بىلەلمەي،
قاچانغىچە يۈرەرمەنكىن مەن تەنھا.