ھۆل ئۈزۈمنى زەيتۇن يېغىدا قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ يۈزگە سۈرتسە، يۈزدىكى قورۇقلارنى يوقىتىدۇ.
پاكىز ئۈزۈمنى يۈزگە سۈرتۈپ بىر ئاز تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئەرەقى گۈلى بىلەن يۇيۇۋەتسە، يۈزدىكى قورۇقلارنى يوقىتىدۇ.
شاپتۇل چېچىكى بىلەن بادام چېچىكىنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ قۇرۇتۇپ، زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ يۈزگە چاپسا بولىدۇ.
بىر دانە تۇخۇم سېرىقىغا بىر قوشۇق قېتىق، يېرىم قوشۇق ھەسەل، ئازراق ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە چېپىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.