مۇتەخەسسىسلەر تۇرمۇش بىلىملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىشتى: «تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكىچە سۈت قىزىق سۈتتىن پايدىلىق. ئەگەر قىزىق سۈت ئىچمىسىڭىز بولمايدىغان ئىش بولسا، ئەڭ ياخشىسى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزىتماڭ، چۈنكى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق سۈتتىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.»
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «تەتقىقات نەتىجىسى بىر سائەت ئولتۇرۇپ تېلېۋىزۇر كۆرگەن ئادەمنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىتىپ كېتىدىغانلىقىنى دەلىللىدى، مۇنداق نەتىجىنىڭ چىقىشىغا ئۇزاق ئولتۇرغان ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىدىغانلىقى سەۋەب بولىدىكەن».
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى