تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(10)
خاتا قان تىپى
بىر باي ئائىلىنىڭ بالىسى بۇلاپ كېتىلدى، بۇ ئائىلە بۇلاڭچىغا نۇرغۇن پۇل بەرگەن بولسىمۇ، بالا ھايات قايتىپ كېلەلمىدى.
جىنايەتچى ئاۋارىچىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇرۇنلا مۇشۇنداق پىلان تۈزگەن، بۇنىڭدىن جىنايەتچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىدا شەك يوق ئىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئۆيگە دائىم كىرىپ-چىقىدىغان بوغالتىرلىق ئىش ئورنىنىڭ بوغالتىرى كانارسىن جىنايەت گۇماندارى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛ بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىنىڭ سول تەرىپى ئالدىدا ئىدى. بۇ ئورۇن ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا سودىسى ئاقماي كەلگەچكە، ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئىدى، لېكىن يېقىندىن بۇيان بۇلارنىڭ ئىشى بىراقلا ياخشىلىنىپ كەتتى، بۇ ئەھۋالمۇ ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغايتتى.
تەھدىت خېتىگە چاپلانغان ماركىنىڭ ئارقىسىدىن كانارسېننىڭ بارماق ئىزى بايقالدى، بۇنىڭ ئۈستىدە Aتىپلىق قان شۆلگىيى بار ئىدى. لېكىن جىنايى ئىشلار ساقچىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان كۈننىڭ ئەتىسى ئۇ ئۆلدى.
ساقچىلارنىڭ تەھلىلى كانارسېننىڭ بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنېنىڭ تىجارىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن چوقۇم ئارىدىن پايدىغا ئېرىشكۈچى بار، ئۇ ئۇنىڭ شېرىكى خېرىس بولۇپ، جىنايەتچى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى كانارسېنغا ئارتىپ، ئۇنى ئۆلۈۋالغان قىلىپ كۆرسىتەلىسە، بوغالتىرلار ئىش بېجىرىش ئورنى تەبىئىيكى خېرىسنىڭ قولىغا چۈشىدۇ.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق خېرىسىنىڭ قان تىپىمۇ Aبولۇپ چىقتى.
بۇ ساقچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى، رازۋېدچىكلار باشلىقى ھېنرى تازا خاپا بولۇپ تۇرغاندا، قانۇن دوختۇرى كىرىپ: كانارسىننىڭ قان تىپى خاتا بولۇپ قاپتۇ، گۆرۈگە ئالغان جىنايەتچى ئۇ ئەمەس، ئۇ جىنايەتچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە ساختا ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان قىلىپ كۆرسىتىلگەن، دېدى.
بۇ دېلونى پاش قىلىشتىكى ئاچقۇچ نېمە؟
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرىى(9) نىڭ جاۋابى:
سوغۇق تەجرىبىدە، قىزىتىلغان ئىستاكانغا قويۇلغان سۇ ئاستا سوۋۇيدۇ، نۆل گىرادۇستمۇ مۇز تۇتمايدۇ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئىككى گرادۇس ئەتراپىغا چۈشكەندە، ئاندىن ئاستا-ئاستا مۇز تۇتۇشقا باشلايدۇ. سوغۇق ھالەتتىكى سۇ ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، ئازراقلا ھەرىكەت بولسىلا دەرھال مۇزلايدۇ. جېك ئوت ئۆچۈرۈش سۈيىنىڭ سوغۇق ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى پىششىق بىلگەچكە،مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، جىنايى جازادىن قۇتۇلۇپ قالماقچى بولغان.