ئامېرىكا ‹‹تور تېبابىتى دوكتورلار تورى›› ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى توپلاپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ 18 سىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتى:
1. DNAنى قوغداش ئادەم تېنىنىڭ قېرىپ زەئىپلىشىشى سەۋەبىدىن قىسقارغان تېلومېر (خىروموسومنىڭ ئاخىرقى ئۇچى) قانچە قىسقا بولسا، ئادەمنىڭ كېسەل بولۇشى شۇنچە ئاسان بولىدۇ. مۇۋاپىق يېمەك – ئىچمەك ۋە چېنىقىش قاتارلىق ساغلام تۇرمۇش ئادىتى تېلومېرنى ئۇزارتىدىغان بىر خىل ئېنزىمنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ تېلومېرنى قوغدايدىكەن.
2. ئىش قىلىشتا ئەستايىدىل بولۇش 80 يىل داۋاملاشقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىش قىلىشتا ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر ھەر بىر ئۇششاق ئىشلارغىچە دىققەت قىلغاندىن باشقا، سالامەتلىكىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
3. دوستلىشىش ئاۋسترالىيەدىكى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دوستلىشىش ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەن. دوستى ئاز كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، دوستلىشىشقا ئەھمىيەت بەرگەن ياشانغانلارنىڭ ئون يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.
4. دوست تاللاش تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سېمىزلىك ئىجتىمائىي يۇقۇشچانلىققا ئىگە بولىدىكەن، ئەگەر دوستلىرىڭىز ئىچىدە سېمىزلەر بولسا، سەمرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىڭىز %57 ئېشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا دوست تاللىغاندا تۇرمۇش ئادىتى ساغلام بولغان كىشىلەرنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.
5. تاماكا تاشلاش ئەنگلىيەدىكى 50 يىل داۋاملاشقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، 30 يېشىدا تاماكا تاشلىسا ئۆمرىنى ئون يىل ئۇزارتقىلى، 40 ياش، 50 ياش ۋە 60 يېشىدا تاماكا تاشلىسا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆمرىنى توققۇز يىل، ئالتە يىل ۋە ئۈچ يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.
6. چۈشتە ئۇخلاش 24 مىڭ ئادەمگە چېتىشلىق بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، دائىملىق چۈشلۈك ئۇيقۇ يۈرەك كېسىلىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى %37 تۆۋەنلىتىدىكەن.
7. ساغلام ئوزۇقلىنىش ئادىتى 50 مىڭ ئادەمگە چېتىشلىق بولغان 50 تۈرلۈك تەتقىقات ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇنىۋېرسال تەھلىللەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مېۋە – چىۋە، كۆكتات، دانلىق زىرائەت، زەيتۇن يېغى ۋە بېلىق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان يېمەكلىك ئادىتى مېتابولىزىم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدىكەن.
8. سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇش تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ئۇلارنىڭ كۆكتات ۋە تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە ‹‹سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇش›› پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىكەن.
9. توي قىلىش تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، توي قىلغانلار بويتاقلاردىن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىكەن. بۇ توي قىلىش ئېلىپ كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي ئالاقە، خۇشاللىق ۋە ئىقتىسادىي قوللاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
10. ئورۇقلاش ئورۇقلاش قەنت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئەجەللىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
11. داۋاملىق چېنىقىش داۋاملىق تۈردە چېنىقىش يۈرەك كېسەللىكى، سەكتە، قەنت كېسىلى، راك كېسەللىكلىرى ۋە ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
12. ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە، ئەر – ئاياللارنىڭ كۈندىلىك ھاراق مىقدارى بىر – ئىككى رومكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەزەلدىن ھاراق ئىچمىگەنلەر ئەڭ ياخشىسى ئىچمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
13. مەنىۋى تۇرمۇشى مول بولۇش 65 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنى ئوبيېكت قىلغان 12 يىللىق تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەنىۋى تۇرمۇشى مول ياشانغان كىشىلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ ئىممۇن ئاقسىلىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.
14. كەڭ قورساق بولۇش ئۇزاق مۇددەتلىك خاپىلىق ئۆپكە ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كەڭ قورساقلىق تەشۋىشنى ئازايتىپ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، نەپەسنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ.
15. بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ئاپتوموبىل ھادىسىسى ئامېرىكىدىكى 5 – چوڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاپتوموبىل ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كېتىش ياكى ئېغىر يارىلىنىش خەۋپىنى %50 ئازايتىدىكەن.
16. ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇ سېمىزلىك، قەنت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە كەيپىياتى نورمالسىزلىشىش قاتارلىقلارنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەم كېسەللەرنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەكسىچە كۈنلۈك ئۇيقۇنىڭ بەش سائەتكە يەتمەسلىكى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
17. بېسىمدىن قۇتۇلۇشقا ماھىر بولۇش تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېسىمدىن قۇتۇلۇش يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدىكەن.
18. تۇرمۇش نىشانى بولۇش ياپونىيەدىكى 13 يىل داۋاملاشقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، نىشانى ئېنىق بولغان كىشىلەرنىڭ سەكتە ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/08/content_507087.htm