مۇھەممەد مۇسا مەرگەن
دەۋر بىلەن رىتىمداش پىلان تۈزەر مۇھەررىر،
دەرياسىدا ئىقبالنىڭ دائىم ئۈزەر مۇھەررىر.
قول يازمىلار گوياكى تاغدەك دۆۋە تۇرسىمۇ،
قۇمدەك سۆزلەر ئىچىدىن گۆھەر سۈزەر مۇھەررىر.
گېزىت – ژۇرنال، كىتابقا گۈل كەشتىلەپ قوندۇرۇپ،
رەھمەت، دېسە ئەل – ئاۋام ھۇزۇر سۈرەر مۇھەررىر.
ئاپتورلارغا كۆيۈنۈپ، خىزمەت قىلىپ سۆيۈنۈپ،
قول تۇتۇشۇپ سەپەردە بىللە يۈرەر مۇھەررىر.
ئويلىماستىن ئۆزىنى، ئاقلاپ ئاۋام تۇزىنى،
پارلاق گۈزەل ئەتىنى ئالدىن كۆرەر مۇھەررىر.
ئەلنى توغرا يېتەكلەپ، ئارمانلىرى چېچەكلەپ،
ئېقىنلاردىن ئۆتمەككە پۇچقاق تۈرەر مۇھەررىر.
ئەلگە ‹‹ئەينەك›› تەييارلاپ ئۆتەر تارتىپ جاپالار،
كۆزلەپ گۈزەل مەنزىلنى تەڭ ئىنتىلەر مۇھەررىر.
ھۆرمەتلەيدۇ ئەل – ئاۋام ئاڭا ئالقىش ياغدۇرۇپ،
دەيدۇ، تۈندە چاقنىغان ئېسىل گۆھەر مۇھەررىر.
پىداكارلىق خىسلىتى چېچەك ئاچتى دىللاردا،
باسقان ھەر بىر ئىزىڭدىن گۈللەر ئۈنەر مۇھەررىر.