تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالما شىركىتى iPhone 5c دىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن

ئالما شىركىتى iPhone 5c دىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن

يەر شارى تورى27-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر بېرىشچە، ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 5c تىن ۋاز كەچمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بىرلا ۋاقىتتا ئالما شىركىتى يېڭى iPhone غا سۇلياۋ قاپ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
iPhone 5c نىڭ باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى ئالما شىركىتىنى ئىنتايىن ئوڭايسىزلاندۇردى. خەۋەردە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىل iPhone 5c نى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىدىغانلىقى ھەمدە ئەڭ ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندۈرۈدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى
 iPhone 5c غا باھا بېكىتىشتە، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئەمەلدارى كۇك iPhone 5c نىڭ ئەرزان باھالىق iPhone ئەمەسلىكىنى، شۇڭا باھاسىمۇ ئەرزان بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى، بۇ ئەھۋال iPhone 5c نىڭ بازار ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇڭا نۇرغۇن دۇكانلار 5C نىڭ باھاسىنى ئۆزلىكىدىن تۆۋەنلەتتى.
تاكى ھازىرغىچە، ئالما شىركىتى iPhone 5cنىڭ سېتىلىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلمىدى، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن iPhone 5c نىڭ سېتىلىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز