شىنجاڭدا 2015-يىللىق ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تىزىملاش ۋاقتى بېكىتىلگەن بولۇپ، 10-مارتتىن 10-ئاپرېلغىچە، ئىمتىھان ۋاقتى 20-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە بولىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 25-فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، تولۇقسىزنى بۇ يىل پۈتكۈزىدىغان، شەرتكە ماس كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار تۇرۇشلۇق مەكتەپ، مائارىپ تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، نوپۇسى تۇرۇشلۇق مەكتەپ، مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئېلىنىدىغان 2015-يىللىق تولۇقسىز سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەككەن.
ئىمتىھان پەن تۈرلىرى : ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئىدىيە-ئەخلاق، ئىنگلىزتىلى بولۇپ، ھەر بىر پەندىكى تولۇق نومۇر 150، ئومۇمىي نومۇر 750 ئىكەن.