تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قوشنا ھەققى

ئابدۇۋەلى مامۇت

   ـ بولدى سارە، مۇشۇنچىلىك قىلغىنىمىزمۇ چوڭ ئىش، قولۇڭلاردىكى ئىشنى قويۇپ، ئاچچىق – چۈچۈك سۇيۇقئاش ئەتسەڭلار، تەرلەپ تۇرۇپ بىر چىنىدىن ئىچىپ، ئارام ئالمىساق ھاردۇق چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ، -دېدى ئاقباي.

   - ئۆيدە ھېچنېمە بولمىسا نېمە بىلەن ئېتەرمەن؟ -دېدى سارە.

   - تېخى قاراڭغۇ چۈشمىدىغۇ؟ كەم نەرسىلەرنى دەڭلار، مەن ئەكىرىپ بېرەي،- دېدى ئاقباي دېرىزىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن بۇيرۇق تەرىقىسىدە.

   - پەسكە چۈشەلمەيمىز – دە.

   - نېمىشقا ئەمدى؟

   - ئۆيىمىزنى يەنە ئۈچىنچى قەۋەتتە دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ ھازىر بىز 20 – قەۋەتكە كۆچۈپ چىقتۇق. يېرىم سائەتتەك بولدى لىفىتتىن چاتاق چىققان چېغى توختاپ قاپتۇ.

   - ما ئىشنى، تېخى ھېلىلا ساق تۇراتتىغۇ؟

   - كېچىچە قورساق كوركىراپ چىقىدىكەندە، ئەمىسە؟

   شۇ ئەسنادا ئىشىك بوش چېكىلدى.

   - كىمدۇ بۇ؟ دېدى سارە ئېرىنگەن ھالدا ئىشىكنى ئېچىپ.

   - ياخشىمۇسىز ھەدە؟ دېدى يوغان كۆز، ئورۇق بىر بالا سارەگە تىكىلگىنىچە ئەدەپ بىلەن.

   - ياخشىمۇسىز؟ دېدى سارەمۇ خۇشياقمىغاندەك.

   بىز 19 – قەۋەتتە ئولتۇرىمىز، تاماق ئەتتىڭلارمۇ؟- دېدى بالا سارەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ.

   - ياق!

   - يەيدىغان نېنىڭلار بارمۇ؟

   - ياق! سارە گېپىنى تۈگىتىپلا ئىشىكىنى يېپىۋەتتى.

   - توۋا، شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ كۆزىنى پاقا تەشكەن سويمىدەك قىلىپ قاراپ تۇرۇۋالغىنىنى دەيمىنا بۇ بالىنىڭ، كاللىسىنىڭ دەردى بارمۇ – نېمە؟ كېلە – كەلمەستىن بۇ خەق ئۇنى – بۇنى سورىغىلى تۇردىغۇ؟ بۇ يەردىمۇ يىپتىن – يىڭنىگىچە سوراپ كىرىدىغان نالىخان بار ئوخشىمامدۇ؟ -دېدى سارە.

   - ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار،- دېدى ئاقباي ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن، بالىنىڭ قورسىقى ئېچىپ قالغان گەپ.

   - قورسىقى ئېچىپ قالسا ئاپىسىغا دېمەمدۇ؟ يا ئۇ بالىنى تونۇمىسام؟

   بۇ بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆيىگە چىقالمىغان ياكى بالىدا ئاچقۇچ بولمىغاچقا ئۆيىگە كىرەلمەي قورسىقى ئېچىپ كۆڭلى تارتىپ، بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەن گەپ، نان بولغاندىكىن بىرەر توغرام بەرسەڭلار بولىدىغانلا گەپتى.

   - جېنىم ئاقباي، دېدى سارە، سىزمۇ كىچىك بالا ئەمەس، يېشىڭىزمۇ 50تىن ئېشىپ قالدى. نېمىشقا غەرەز ئۇقمايدىغانسىز؟ ئادەمنى چۈشەنسىڭىز بولماسمۇ؟ بۇ ئۆيگە كىرگىلى تېخى ئۈچ سائەتمۇ بولمىدى. كېلە – كەلمەيلا ئىشىك چەككەنلەرنىڭ ھەممىسىگە نان بەرگىلى تۇرساق نان توشىتالامدۇق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە يېگىلى ئۆزىمىزگىمۇ نان بولمىسا نېمىنى بېرىمەن؟

   - ھوي خوتۇن! ئاقباي خوتۇنىنىڭ گېپىنى بۆلدى، بىراق ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ سىلىق ئىدى،

   - سىلىمۇ بەزىدە ئاشۇرۇۋېتىسىلەر،- دېدى ئاقباي چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ خوتۇنىنىڭ گېپىگە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، بېشىنى لىڭشىتقىنىچە، ياخشىنى ياخشى دېيىش كېرەك، نالىخان قوشنىدارچىلىققا يارايدىغان ئايال. ئۇنتۇپ قالدىڭلىما؟ دادىمىز تۈگەپ كەتكەندە نالىخان يۇرتتىن كەلگەن بەش – ئالتە ئادەمنى شۇ قاتتىق سوغۇقتا ئۆيىدە نەچچە كۈن قوندۇردى، يا زارلىنىپ باقمىدى، يا خۇيى تۇتۇپ قالمىدى. ‹‹قوشنا ھەققى›› دېگەن شۇ. تۇغقان دېگەن بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ئۆيى يىراق بولۇپ قالىدىغان ياكى ئۆيى كىچىك بولۇپ قالىدىغان ۋە ياكى بىر ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدىكەن، ياكى بولمىسا مىجەزى يوق بولۇپ قالىدىكەن. بالىلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئىشى بولىدىكەن. يا خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ قالىدىكەن، يا بالىسى ئاغرىپ قالىدىكەن، ئىش قىلىپ بەزىدە لازىم بولغاندا جانغا ئەسقاتمايدىكەن. ئۈچ بالىمىز بار دېگەن بىلەن ئۆي كۆچىۋېدۇق ئۇلار قانچىلىك ئەسقاتتى؟ بىرسىنىڭ بالىسى ئاغرىپ قاپتۇ، بىرسى نۆۋەتچى، يەنە بىرسىنىڭ دەرسى باركەن... ئاقباي گەپنى تېز قىلغاچقىمۇ ياكى سەل ھاياجانلىنىپ قالدىمۇ، دېمى سىقىلغاندەك بولۇپ، گېپىنى داۋام قىلالمىدى. سارەمۇ قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ بىر پىيالە چاي ئەكېلىپ بەردى.

   - نېمە بولدىڭىز؟ نالىخاننى بىر نېمە دېدىممۇ؟ نېمانداق ھاياجانلىنىپ كېتىسىز؟ بولدى بۇ گەپنى قىلىشمايلى، ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان مىجەزىڭىزنىزە...

   ئاتا – بوۋىلىرىمىز ‹‹ئۆينى كېپەككە ئال، قوشنىنى ئالتۇنغا››، ‹‹ئۆي ئالساڭ قوشناڭنىمۇ ئال››، ‹‹يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى››، ‹‹يان قوشنا، جان قوشنا›› دەپ بىكار ئېيتمىغان.

   - يائاللا، ئاقباي، سارەنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلدى. گېپىڭىز تۈگىدىمۇ؟ ھارماپسىز – دە! ئەجەب ئېزىپ – ئىچۈرۈپ سۆزلەپ كەتتىڭىزا؟ ئەمدى مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ، مەنمۇ ئۆي تۇتۇپ قوشنىدارچىلىق قىلىۋاتقىلى 30 يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى، ماڭا بۇنچىۋالا چۈشەندۈرۈپ كەتمىسىڭىزمۇ بىلىمەن، مېنى كۆزى كىچىك دەپلا قارايسىز. ئەمەلىيەتتە مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق كۆزى كىچىكلەردىن ئەمەس، بۇنىمۇ بىلىسىز. ھازىر بىزنىڭ ئۆيدە بارى شۇ بىر گىردىچاق، ئۆزۈم يېيىشكىمۇ كۆزۈم قىيماي، سىزنى يېسۇن دەپ ئېلىپ قويغانتىم. يەنە مەن ئەسكىمۇ؟ ھەي! بولدىلا ئىشىمنى قىلايچۇ... سارە قېيدىغانچە ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى...

   ئاقباي كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشكە باشلىدى.

  كېچە بىر يەرگە باردى، تېخى بىر نېمە يېمىدۇق...

   ئۇلارنىڭ قورسىقى بۇنداق ئېچىپ باقمىغانتى، ھېلىقى گىردىچاق چىشنىڭ ئارىسىدا قالغانىدى. ئېسىل ئۆي جابدۇقلىرى بىلەن توشقۇزۇلۇپ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بۇ ئۆيگە چاشقان كىرسىمۇ يامانلاپ چىقىپ كېتەتتى. سارە ئۆزىنى ئەيىبلىدى. 30 يىلغا يېقىن ئۆي تۇتقىنىم نەدە قالدى؟ توۋا، خۇددى بۇ ئۆيدە ئەمدى بىر نېمە يېمەيدىغاندەك. مەن يەنىلا خامكەنمەن، ئادەم ئاچ قالسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانتى. ئۇ بىرەر قوشنىسى بىلەن تونۇشۇپ بولالمىغانتى، بىرەرسىنىڭ ئىسمىنى بىلگەن بولسا ئۆيىگە كىرىپ بىر توغرام ناننى سورىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنىدى.

   شۇ ئارىلىقتا ئىشىك بوش چېكىلدى، سارە ‹‹كىمدۇ بۇ؟››دەپ ئويلىغىنىچە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.

   ئىشىك ئالدىدا 35 ياشلاردىكى بىر ئايال تۇراتتى. بۇ ئايال داستىخانغا ئورالغان بىر نەرسە كۆتۈرۈۋالغانىدى.

   - ئۆي كۆچىمىز دەپ ھاردىڭلار، -دېدى ھېلىقى ئايال قىسقىچە ھال – ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، شۇڭا ئاتايىن ھاردۇق ئېشى ئېتىپ كىرگەنتىم.

   - نېمىشقا ئاۋارە بولغانسىز؟ -دېدى سارە. ئۇ كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئايالغا ھەيران قالغانتى. شۇڭا ئۇ شۇنىلا دېيەلىدى.

   - بايا ئوغلۇمنى تاماق ئەتتىمۇ، ئەتمىدىمۇ، سوراپ باق دەپ چۈشۈرگەنتىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا تاماق ئەتمىگەن ئوخشايسىلەر، قوشنا بولۇپ قالدۇق، باردى – كەلدى قىلىشىپ ئۆتەيلى.

   رەھمەت سىزگە... سارە گېپىنىڭ ئايىغىنى تاپالمىدى، چۈنكى ئۇ بۇ ئايالنىڭ بايا نان سوراپ كىرگەن بالىنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، خىجىلچىلىقتا ئېغىزى گەپگە كەلمىگەنىدى... 

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز