ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاياللار ئەگەر ئاشپەز، ماتېماتىك، مۇخبىرلارغا تەگسە، ئۇلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىدىكەن؛ ئەگەر يېزا ئىگىلىق ئىنژېنېرلىرى، چىش دوختۇرلىرىغا تەگسە، ئۇلارنىڭ نىكاھى نىسبەتەن مۇقىم بولىدىكەن.
ئالىملار تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇشنى خالايدىغان 449 خىل كەسىپى خادىمنى تاللاپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ئەرلەرنىڭ نىكاھتا مەغلۇب بولۇش نىسبىتىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاشپەز ۋە ماتېماتىكلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئاساسەن %20 تىن يۇقىرى بولىدىكەن؛ مۇخبىرلارنىڭ %17.54، كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچى، يېمەك–ئىچمەك ئىلمى مۇتەخەسسىس ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش تېرنېرلىرىنىڭ %16.89؛ ساياھەتچىلىك كەسپىي خادىملار، يازغۇچى، ساقچىلارنىڭ %15 تىن %16 كىچە، ئوت مۇداپىئە خادىمى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەل تۆۋەن، سودىيە بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ %12.48 بولىدىكەن.
ـــ ماتېرىيالدىن