تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىڭىزنىڭ زۇكامداپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

يېقىندا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى گېزىتخانىمىزغا تېلېفون بېرىپ بالىلىرىنىڭ زۇكامداپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. 

مۇخبىر 1-مارت بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىكى گاۋ فېڭنى زىيارەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان كۆرۈلگەن زۇكام ئاساسەن ئادەتتىكى زۇكام، ئاز بىر قىسىم مەكتەپلەردە كىچىك دائىرىدە يۇقۇملۇق زۇكام بايقالدى، بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال، ۋاقتىدا بايقاپ داۋالانسا خەتىرى يوق. ئاتا-ئانىلار ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، مەكتەپ ۋە يەسلىلەر ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك، بالىلاردا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، دەرھال ئايرىش ۋە داۋالىتىش كېرەك.

مۇخبىر 1-مارت شەھىرىمىزدىكى بىر قانچە دوختۇرخانىلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ئاغرىقلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلدى. 

شەھەرلىك «دوستلۇق» دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار بۆلۈمىدىكى دوختۇر مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان ھاۋارايى ئۆزگىرىشى كۆپ بولدى، بالىلار بەك قېلىن كىيىنىۋالسا ئاسان تەرلەيدۇ، بۇ چاغدا ئازراق شامال تەگسىلا زۇكام بولىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى مۇۋاپىق كىيىندۈرۈشى كېرەك. 



ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز