تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەمبەلنى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇڭ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

يېقىندا تارقالغان بىر خەۋەردە بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ ئەزەلدىن قالايمىقان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ يوقلۇقى، شۇنداقلا ئائىلىسىدە ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك تارىخىمۇ يوق تۇرۇپ يەنىلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئېيتىلغان. كېيىن بۇ كېسەللىكنىڭ ئەمبەل ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولغان. مۇتەخەسسلەر بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىشتى: ئاشخانىدىكى قول يۇيۇش كۆلچىكى، ئەمبەل قاتارلىقلار ناھايىتى ئاسانلا باكتېرىيەنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمبەل تازلىقىنىڭ پاكىز بولۇش ياكى بولماسلىقى ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمبەلدىكى بەدەنگە زىيانلىق مىكروبلار زەمبۇرۇغ ۋە باكتېرىيە دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئەمەلدە قېپقالغان سۇ ۋە ئورگانىك ماددىلار بۇ خىل باكتېرىيىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمبەلگە سىزىلغان پىچاق قىڭراق ئىزلىرىمۇ بۇلارنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئۇۋا بولالايدۇ. بۇ مىكروپلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى ئاسانلا راك، تېرە كېسىلى، ھەر خىل نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. 

ئادەتتە بازاردىن ئەمبەل سېتىۋالماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئەمبەلنى تاللىسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ.

 ياغاچ ئەمبەل:بۇنىڭ ماتېرىيالى قېلىن بولغاچقا گۆش توغراش ياكى قاتتىق نەرسىلەرنى پارچىلاشقا قولايلىق، لېكىن ئۇنىڭ سۈپىتى ناچار ھەمدە تازلاشمۇ قىيىن، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغاچقا قۇرۇتۇش قىيىن، نەم مۇھىتتا ئاسانلا كۆكىرىپ باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ. 

بامبۇك ئەمبەل: بۇ ئەمبەل يېنىك ھەم قولايلىق، لېكىن سۈپىتىگە قاراڭ. 

سۇلياۋ ئەمبەل: بۇخىل ئەمبەل ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، لېكىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاسانلا سۇلياۋ پۇراپ قالىدۇ، سۈپەتسىز بولغانلىرىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ، بۇ خىل ئەمبەل يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى پارچىلاشقا ماس كېلىدۇ. 

دېۋىرقاي ئەمبەل: بۇخىل ئەمبەلنىڭ قاتتىقلىقى يۇقىرى، سىرتقى يۈزىنىڭ چىدامچانلىقى ياخشى، ئاسان ئىز قالمايدۇ، تازىلاشمۇ قولايلىق. پىششىقلانغان گۆش، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى توغراشقا ماس كېلىدۇ. 

ئەمبەلنى ياخشى تاللاشتىن باشقا يەنە تازىلىقنى چىڭ تۇتۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھەر قېتىم ئەمبەلنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى پاكىز يۇيۇش ھەمدە پاكىز دەسمال بىلەن سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن، قۇرۇتۇپ شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇش لازىم.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز