تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(38)
مۇقىم نىشان
رەسسام ئۆزىنىڭ مودېلى بىلەن چىقىشىپ قالدى، ئۇنىڭ بۇ ئىشى رەسسامنىڭ ئايالنىڭ كۆڭلىنى بىسەرەمجان قىلدى، بىركۈنى ئۇ ئامال تېپىپ مودېلنى كۆزدىن يوقىتىپ ئېرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولدى. ئۇ ھاۋارايى مەلۇماتىدىن ئەتە چۈشتىن كېيىن قارا يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ بىرقۇر تەييارلىق قىلىپ قويدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە رەسسام خانىسىدا ھېلىقى يالىڭاچ پەرىشتىنىڭ رەسىمىنى سىزىۋاتاتتى، مودېلمۇ بەلگىلەنگەن ئورۇندا تۇراتتى، رەسسامنىڭ ئايالى ئېرىگە چايداندا چاي ۋە تاتلىق-تۈرۈملەر ئەكىرىپ بېرىپ، بۇلارنى ئوبدان كۆرۈۋالدى، كۆڭلىدە بولسا تەڭرىدىن بۇ يامغۇرنى ۋاقتىدا ياغدۇرۇشنى تىلىدى.
بىردەمدىن كېيىن چاقماق چېقىپ، يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىپ كەتتى، تۇيۇقسىز چىققان ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ مودېل ۋايجان دېگىنىچە يىقىلدى.
رەسسام بېرىپ قارىۋىدى، مودېل ئۆلگەن ئىدى، ئۇ ساقچىغا تېلېفون بېرىپ بولۇپ، خوتۇننىڭ قورقۇپ ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۆلەپ ئىككىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ قويدى.
ساقچىلار كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن مودېلىنى ئاتقان تاپانچىنىڭ دېرىزە سىرتىدىكى تام ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى، جىنايى ئىشلار ساقچىسى تامنىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر نەرسىنى كۆرۈپ مودېلنى رەسسامنىڭ خوتۇنىنىڭ ئاتقانلىقىنى شۇ ھامان ھۆكۈم قىلدى.
جىنايى ئىشلار ساقچىسى نېمىنى كۆرۈپ شۇنداق كەسكىن جەزىملەشتۈردى؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى(37)نىڭ جاۋابى:
سېن پرو فېسسور ئۆزى پىششىق بولغان ئۇخلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان ھەمدە دوكلات بېرىپ قايتقان، ھارغىن ھالەتتىكى دايې ئەپەندىمگە ئۇخلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
ئۇ ئالدى بىلەن ئۇخلىتىش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ بېشارەت بەرگەندىن كېيىن، بۇ يەردىن ئۆتكەن ئادەمگە مەقسەتلىك ھالدا كۆرسىتىپ ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.