كۆڭلى كەڭگە جاھانمۇ كەڭ
ئاپتورى: ئابلىز ئىبراھىم دولان
ئادەملەر بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان شەخس سۈپىتىدە جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەركىمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، تەربىيەلىنىش ئەھۋالى، كەچۈرمىشى، تونۇش سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئادەملەر ئۆزئارا چۈشىنىشمەسلىك ياكى بىر مەزگىل ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشتا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن، زىددىيەتتىن ساقلانماق قىيىن. ئەمەلىيەتتە ئاشۇ توقۇنۇش، زىددىيەتلىك ئىشلارنىڭ يىغىشتۇرۇۋالغىلى، ئوڭشىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قېلىشى ناتايىن. بۇنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە بۇراپ، ياخشى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش تامامەن مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇنىڭدا رول ئوينايدىغىنى نېمە؟ بۇ دەل كەڭ قورساقلىقتۇر. كەڭ قورساق بولۇش دېگىنىمىز-كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، باشقىلارنىڭ خاتالىقى ۋە سەۋەنلىكىنى كەچۈرۈش، ئەپۇ قىلىش كۆڭلىگە ئالماسلىق ۋە سۈرۈشتە قىلماسلىق دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ قەدىمىي ئەنئەنە سۈپىتىدە ئادىمىي پەزىلەتنىڭ ۋە ئادەم بولۇشنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك ئۆلچىمى بولۇپ كەلدى.ئۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق ۋە بەخت. ئۇ كىشىلەرنىڭ يۈكسەك مەنزىلىدە كىشىلىك ئالاقىدە ۋە ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتتە شېرىن مېۋە بولۇپ كەلدى.
كۆڭلى كەڭگە جاھانمۇ كەڭ دېگەندەك، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە كۆڭلى كۆكسى كەڭ ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، ئۇلارغا جاھانمۇ ناھايىتى كەڭرى بىلىندى ۋە كەڭ بولدى.
بىراق «ئۆزۈڭ خالىمىغاننى باشقىلارغا تاڭما» دېگەنگە ئەمەل قىلمىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆز ھېسسىياتى ۋە ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ تارازىسىدا ئۆلچەپ، ھە دېسىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ساقلاپ يۈرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جاھان تولىمۇ تار ۋە رەھىمسىز كۆرۈنۈپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك كرىزىس، ئاداۋەتلەرگە ئوت پىلتىسىنى ياقتى. بۇلار قارىغۇلارچە مۇستەبىتلىكى بىلەن ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى، باراۋەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۆزى قىلىشنى خالىمىغان كەڭ قورساقلىقنى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلى كۆكسىنىڭ دېڭىزدىنمۇ كەڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، بۇ قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن؟
دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى، مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مەغلۇبىيىتى بولىدۇ، كىشىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر بىلەن بىللە ياشىغىنىمىزدا، ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى مەسىلىسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ قويۇپ بەرمىسەك، قورسىقىمىزنى كەڭ تۇتمىساق، ئۇھالدا باشقىلاردا بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، گەپ-سۆزلىرىدە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، ھەتتا چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلار يۈز بېرىدۇ. ئەكسىچە، كۆڭلى-كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياخشىلىقىنى كۆپرەك كۆرسەك، ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق، ئۇلار شۇنىڭغا ماس سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭغا مۇناسىپ سۆز ھەرىكەت ۋە دوستانلىقىمۇ بولىدۇ.
قىسقىسى، سىز باشقىلارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. بىراق كەڭ قورساقلىق ھەرقانداق خورلۇققا چىداشلىق بېرىش، سۈكۈت قىلىش، ھەممىلا ئىشتا يول قويۇش، سەۋر قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ئىشلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىك، ھەق-ناھەقلىق پەرقى بولىدۇ. ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا، ھەق-ناھەق ۋە دۈشمەن بىلەن ئۆزىنى ئېنىق ئايرىپ، ئارىسالدى بولۇپ تۇرماي ئېنىق يول تۇتۇش كېرەك. تۇرمۇشتىكى يامان، ياۋۇز نىيەتلىك كىشلەرگە ۋە تۈرلۈك ئىللەتلەرگە قارىتا قارىغۇلارچە مادار قىلىش يولىنى تۇتماسلىق كېرەك، بەلكى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ پىداكارلىق كۆرسىتىش كېرەك.