1. باھاسىغا قاراپ دورا ئىشلىتىش: بەزى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار دورىنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى بولسا، داۋالاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. دەپ قارايدىكەن. ئەمما شۇ دورىنىڭ ياخشى- يامانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا دورىنىڭ قىممەتلىكىدە ئەمەس، پەقەت دورىنى توغرا ئىشلىتىشتە. ئەگەر كېسەلگە قاراپ دورا ئىشلىتىلسە داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ ئەكىسچە تەسىر ئاز بولىدۇ.
2. ئىسىم نامىغا قاراپ دورا ئېلىش: بەزى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار دائىم ئۆزى سېزىۋاتقان كېسەللىك ھالىتىگە ئاساسەن دورىخانىلارغا بېرىپ، دورىلارنىڭ ئىسىم نامىغا تايىنىپ قارىغۇلارچە دورىلارنى سېتىۋالىدۇ. كۆپ ساندىكى جۇڭيى ۋە ياۋرۇپاچە دورىلارنىڭ ئىسىم ناملىرى بىر- بىرىگە يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، ئەمما ئۇلار داۋالاش رولى جەھەتتە ناھايىتىمۇ چوڭ پەرىقلىنىدۇ.
3. داڭلىق دورىلارغا چوقۇنۇش: بەزى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار داڭلىق دورىلارغا داڭلىق دورىلارغا ناھايىتىمۇ بەك چوقىنىدۇ. ھەتتا قارغۇلارچە داڭلىق دورىنىڭ داۋالاش لايىقلىشىشىنى كېڭەيتۋەتكەن.
4. قۇۋۋەتلىك دورىلارغا خۇراپىيلارچە چوقۇنۇش: بەزى كېسەللەر كېسەل بولسا تەن ئاجىزلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇۋۋەتلىنىش كېرەك دەپ قارايدۇ، لېكىن ئۇلار قۇۋۋەتلىك دورىنىڭ پەقەت ئاجىزلىقنىلا تولدۇرالايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر ھەقىقىي ھالىتىگە قۇۋۋەتلىك دورىلارنى ئىشلەتسە، خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولۇپ كېسىلى داۋالانماي، ئەكىسچە كېسىلى تېخىمۇ بەك ئېغىر ھالىتىگە بېرىپ قالىدۇ.
5. جۇڭيى دورىسى زەھەرسىز دەپ قاراش: بەزى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار جۇڭيى دورىسى زەھەرسىز بولىدۇ، كۆپ ئىچسە زىيان قىلمايدۇ، دەپ قارايدىكەن. لېكىن كونىلار ھەر قانداق دورىنىڭ زەھەرلىكى ئۈچ ھەسسە دېگەندەك جۇڭيى دورىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ.
6. كۆپ خىل دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش؛ بىر قىسىم كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار جۇڭيى دورىلىرىنى ياۋرۇپا دورىلىرى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېز بولىدۇ، دەپ قارىغان. نەتىجىسى ئۇنىڭ ئەكىسىچە بولۇپ قالماستىن جۇڭيى ۋە ياۋرۇپاچە دورىلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى ئۆز- ئارا مەنئى قىلىش رېئاكسىيسىنى پەيدا قىلىپ، يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.