تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(48)
سىز ئۇنى تونۇيسىز، يەنە...
گرىئېن بانكىسى بۇلاندى، قولغا چۈشكەن جىنايەتچى كارنى سوراق قىلىش ئارقىلىق، ساقچى باشلىقى بۇرانت پۇلنىڭ ئەنگلىكا ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنغانلىقىنى ئۇقتى، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار دەرھال بۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە باردى.
ساقچىلار ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بىرھازا باسقاندىن كېيىن، ئىشىك ئاندىن ئېچىلدى، ئىشىكنى ئاچقان كىشى دەل ساقچىلار ئىزدىگەن ئايال ئىدى، بۇ ئايال ئىككى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە قوشۇلدى، «ئىككىڭلارنىڭ مەندە نېمە ئىشىڭلار بار؟» دېدى ئۇ ئايال.
«خانىم سىز كار دېگەن ئادەمنى تونۇمسىز؟»
«كار؟ مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان». «بىز ھېلىلا ساقچى ئىدارىسىدىن كەلدۇق، ئۇ سىزنى تونۇيدىكەن».
ئەنگىرىكا سالماقلىق بىلەن تاماكىسىنى بىر شورىۋېتىپ:«بۇ دۆلەتتە كار ئىسىملىك ئادەملەر ناھايىتى كۆپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنى تونۇيمەن دېسە، سىلەر كېلىپ مېنى ئاۋارە قىلامسىلەر، ئاھ، تەڭرىم، مەن سىلەرنى دېرىزىنى تاشلىۋەتكۈم كېلىۋاتىدۇ».
«كار بانكىدىن 190مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بۇلىغان، ساقچىلارنىڭ ئىنكاسى تېز بولغاچقا 24 سائەتتىن كېيىن ئۇ تۇتۇلدى، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن سۆزلەشتۇق، ئۇمۇ ھەممىنى تاپشۇردى» دېدى، بۇلانت ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
«مەن كارنى تونۇمايمەن، بانكا بۇلاشقىمۇ قىزىقمايمەن، مەن ئاخىرىدا يەنە بىر دەپ قوياي، مەن كار. ماشۇس دېگەننى ئەسلا تونۇمايمەن».
«سىلەر راستتىنلا تونۇشمامسىلەر؟» «توغرا، تونۇشمايمىز».
«بۇلانت يانچۇقىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ» ھەمكارلاشىڭىزغا رەھمەت، سىز ناھايىتى سەمىمىيىكەنسىز قولغا ئېلىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇڭ» دېدى ئاچچىق بىلەن.
ساقچى مۇنداق جەزىملەشتۈرۈپ قولغا ئالغۇدەك ئەلگىرىكا زادى نەدە كەتكۈزۈپ قويدى؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى(47)نىڭ جاۋابى:
خەنزۇچە خەت朝 بىرەرسىنىڭ ئىسمى ئەمەس بەلكى ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ قەدىمكى زامان خەنزۇ تىلىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. ئەگەر朝 خېتىنى پارچىلىسا،10-ئاينىڭ10- كۈنى دېگەن بولىدۇ، شۇڭا رازۋېدچىكلار باشلىقى مال ئېلىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە دەپ ھۆكۈم قىلغان، ئاندىن بۇ خەتنىڭ ئەتىگەن تاڭ سەھەر دېگەن مەنىسىمۇ بار.