تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
خوتەننىڭ گۆش گىردىسى

    قاشتېشى دىيارى خوتەننىڭ قاشتېشى، گىلەم، ئەتلەس، ياڭاقلىرى داڭلىق بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بار، ئەلۋەتتە ئېسىل تائام بولغان گۆش گىردىسىمۇ ناھايىتى داڭلىق. خوتەننىڭ گۆش گىردىسى تەملىكلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس دۇنياغىمۇ داڭلىق. گۆش گىردە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.    گۆش گىردە دۇكانلىرىنى خوتەننىڭ ھەممە جايىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىز يورۇڭقاشدىكى «ئەقىدە گۆش گىردە» دۇكىنىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ شۇ يەرگە باردۇق. دۇكان خوجايىنى مۇھەممەت ئىمىن ھاجىنىڭ گېپىگە قارىغاندا، گۆش گىردىنىڭ ئوخشىشى ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن خۇرۇچقا باغلىق ئىكەن. چوقۇم خوتەن قويىنىڭ يېڭى سويۇلغان مۇۋاپىق سېمىزلىكتىكى گۆشى بولۇشى كېرەك ئىكەن. گۆشنىڭ توغرۇلۇشى، ئارىلاشتۇرۇلغان پىيازنىڭ نىسبىتى قاتارلىقلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بارئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قالىنىدىغان ئوتۇن، ئوتنىڭ تەپتى، قۇمۇرۇلۇدىغان ۋاقتى قاتارلىقلارمۇ دەل جايدا بولغاندىلا گۆش گىردە تەملىك پىشىدىكەن.ىوتەن گىردىسىنىڭ مەززىلىك بولۇشى ئاشپەزنىڭ ھۈنىرىدىن باشقا يەنە خوتەن قوي گۆشىنىڭ ئالاھىدە تەمىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. خوتەن قويى ئادەتتە چۆلرەك دالالاردا ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ جىلغا ئېتەكلىرىدە بېقىلىدۇ، شورلۇق تۇز يەيدۇ.(تامام)

مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   


تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز