تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يېڭى ئايفوننى زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ سانى سامسۇڭ GALAXY Note 3 دىن ئاز بولدى

  

 

 

 

نۇرغۇن كىشىلەر ئايفون5S ۋە ئايفون5C لارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەنىدى، ئەمدىلىكتە بولسا يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ئىككى يانفوننىڭ دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىمۇ كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى. يېڭى ئايفونلار 20-چىسلادىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلىنىدۇ، بىراق، تور بېكەتلەردە ئالدىن زاكاز قىلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يېڭى ئايفوننى زاكاز قىلىدىغانلار بۇرۇنقىدەك كۆپ بولمىغان، بولۇپمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا زاكاز قىلىشنى باشلىغان سامسۇڭ GALAXY Note 3 يانفونىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئايفون تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
زاكاز قىلىش سانى سامسۇڭ GALAXY Note 3 يانفونىغا يەتمىگەن
يىشۈن ۋە جىڭدوڭ شەھەرچىسى تور بېكەتلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئايفون5C يانفونىنىڭ جىڭدوڭ شەھەرچىسى تورىدىكى زاكاز قىلىنىش ئەھۋالى بەكلا ئادەتتىكىچە ئىكەن، يەنى تا ھازىرغىچە زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاران ئاشقان، بەلكىم، ئۇنىڭ باھاسى كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئايفون5S نى زاكاز قىلغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغان، نۆۋەتتىكى زاكاز قىلغۇچىلارنىڭ سانى 41 مىڭدىن ئاشقان.
بىراق، سېتىلىش باھاسى 5699 يۈەنگە يېتىدىغان سامسۇڭGALAXY Note 3 يانفونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننىڭ زاكاز قىلىنىش ئەھۋالى دىگەندەك ياخشى ئەمەس. جىڭدوڭ شەھەرچىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، سامسۇڭ GALAXY Note 3 يانفونىنىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ زاكاز قىلىنىش سانى 67 مىڭغا يەتكەن.
تېلگراف نۇسخىسىدىكى ئايفون5C ئالدىن سېتىلماقچى
تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئايفون 5C يانفونى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 6 دە سېتىلىشقا باشلىسىمۇ، بىراق، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ تېلگراف نۇسخىسى شۇ كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ سېتىلماقچى بولغان، خىرىدارلار تېلگراف تىجارەت زالى، 10000 قىززىق لىنىيىسى ۋە تور تىجارەت زالى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننى سېتىۋالالايدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، تېلگراف نۇسخىسىدىكى ئايفون 5S ۋە ئايفون5C يانفونلىرىغا قارىتا، شىركەت تۇنجى بولۇپ «سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرسا، يانفون سوۋغا قىلىش» ۋە «يانفون سېتىۋالسا سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىش» كىلىشىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل پائالىيەت يولغا قويۇلغان.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز